باش بەت

ئەخمەتجان

3424يوللانما
62مەستانە

گېرمانىيەنىڭ شەھەر رايونىدا ئىككى توڭگۇز پىيادىلەرگە ھۇجۇم قىلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-22 17:37 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ياۋروپا تاراتقۇلىرىنىڭ 21-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيەنىڭ شىمالىدىكى كىچىك شەھەر خايدتا، ئىككى توڭگۇز شەھەر مەركىزىدىكى مەيداننى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پىيادىلەرگە ھۇجۇم قىلغان. كۆرگۈچىلەر مۇنداق دېگەن: «شۇ چاغدا بىر ئايالنىڭ يەردە ياتقىنىچە <قۇتقۇزۇڭلار> دەپ توۋلىغانلىقىنى ئاڭلىدىم، بىراق توڭگۇزلار ئۇنىڭ ئىشتىنىنى چىشلەپ تىتماتالاڭ قىلىۋەتتى، ئۇ ئايالنىڭ پۇتىمۇ يارىلاندى بولغاي، كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىراپ كەتتى». 

توڭگۇزلار بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي، يەنە تېخى بىر بانكىغا ھۇجۇم قىلغان، قورقۇپ كەتكەن خېرىدارلار تۆت تەرەپكە پىتىراپ كەتكەن، بەزىلىرى پەلەمپەيگە چىقىۋالغان، يەنى بەزىلىرى دېرىزىدىن سەكرىگەن. 

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 لاردا، ساقچى تارماقلىرى پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى ئامال بار سىرتقا چىقماسلىققا دەۋەت قىلغان. 

شۇنىڭدەك، دائىرىلەر چوڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. سائەت 11:00 لەرە توڭگۇزلار گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ يوقاپ كەتكەن، ساقچىلار شۇ پۇرسەتتە بىرسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، يەنە بىرسى شەھەر ئەتراپىدىكى ئورمانغا قېچىپ كەتكەن. 

گېرمانىيەنىڭ ئورمان رايونىدا توڭگۇزلا پات-پاتلا پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال شۇ جاينىڭ بىخەتەرلىكىگە ناھايىتى چوڭ تەھدىت بولۇپ قالغان. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، بىر توپ توڭگۇز بېرلىن ئايرودرومىنىڭ  ئەتراپىدا پىيادىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ ئادەمنى يارىلاندۇرغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号