باش بەت

ئەخمەتجان

3424يوللانما
62مەستانە

گېرمانىيە يېزىلىرىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-23 12:19 5 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

گېرمانىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بۇ كىچىك كەنتتە 2000 چە ئادەم. بۇ يەردىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى بايمۇ ئەمەس، نامراتمۇ ئەمەس، ئەمما شۇنداق بەخىرامان ياشايدۇ. 

كەڭرى كەتكەن كەنت يولى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى گۈللەر كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ. شەھەردىكى شاۋقۇن-سۈرەندىن زېرىككەنلەر بۇ يەرگە كېلىپ جىمجىتلىقنىڭ پەيزىنى سۈرسە بولىدۇ. 

بۇ ئۆيلەرنىڭ ئاپتوموبىلخانىسى، گۈللۈكى بار، شۇنداق ئازادە. 

ھويلىدىكى كىچىك گۈللۈك. 

جىمجىت كەنت يولى. 

كەنتتىكى قەبرىستانلىق. 

بۇ يەردىكى كەنتلەردە ئاساسەن دېگۈدەك ئىككى قەبرىستانلىق بار. بىرسى خىرىستىيان دىنىدىكىلەرنىڭ، يەنە بىرسى پىروتېستانت دىنىدىكىلەرنىڭ. 

بۇ يەردە قەبرە ياساشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، قارىماققا گۈللۈكتەكلا كۆرۈنىدۇ. 

قەبرىستانلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى. 

كەنتتىكى ئۆيلەرنىڭ بۇ يەردىكىدەك نەچچە قۇلۇپلىنىدىغان ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىشىكى يوق. 

ھويلا تېمىمۇ بەك ئاز ئۇچرايدۇ. 

بولغان تەقدىردىمۇ ماۋۇنىڭدەك پاكار رېشاتكىلار بار، ئەمما بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ئىككى ئۆينىڭ چېگراسىنى ئايرىش. 

ماۋۇ ئۆينىڭ ھېچقانداق ھويلا تېمى يوق. 

بۇ يەردىكىلەر ناھايىتى ئىشچان. ھويلىدىكى بىكار يەرنىڭ يېرىمىنى چىملىق قىلىدۇ، يېرىمىغا كۆكتات ۋە بۆلجۈرگەن تېرىيدۇ. 

قاراڭ، ماۋۇ ئۆيلەرگە، ئاۋۇ رېشاتكىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھويلا تېمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. 

گېرمانىيەدە مەيلى شەھەر، ياكى يېزا بولسۇن، ئۆيلەرنىڭ ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىشىكى بولمايدۇ. 

ئەپچىل گۈللۈكى بار قورۇ. 

مۇنداق ئۆيلەرنى بۇ يەردە داچا دەيمىز. شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇلار بىزنىڭ بۇ يەرلەرگە كېلىپ قالسا كاتەكتەك بىنالارغا كۆنەلمەيدىغان ئوخشايدۇ. 

كەنتلەردىكى بۇ ئۆيلەرنىڭ دېرىزىسى كۆپتەك بىلىنىدۇ، ئەمما بۇنىڭ كۆپىنچىسى قازناقنىڭ دېرىزىسى. 

قازناقنى ھەم ئامبار قىلىشقا بولىدۇ ھەم باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، شۇنداق پايدىلىنىشچان. 

تىپىك شەرقچە ئۇسلۇبتىكى قورۇ. 

ھۈپپىدە ئېچىلغان گۈللەر، بۇ يەرگە كەلگەن ئادەمگە باغچىغا بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. 

قورۇدىكى ئاۋۇ بېنىز پىكاپقا كۆزۈڭلار چۈشتى ھە قاچان؟!

دېھقانلارنىڭ بېنىز پىكاپ ھەيدىشىنى بۇ يەردە ئۇنداق چوڭ ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. 

قورۇنىڭ ئالدىدىكى كونىچە بېنىز پىكاپ. 

ھىم، مانا قاراڭ، يولنىڭ ھەممە يېرىدە بېنىز پىكاپ باركەن. 

ئوھ، ما كارامەتنى كۆرۈڭ. ئېتىز بويىغا توختىتىپ قويغان 5 BMW. بىزنىڭ ماۋۇ يەردە بۇنداق كاتتا ئاپتوموبىللارنى شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرى ھەيدەيدۇ. 

ئەمما، كەنتنىڭ يارىشىقى بولمىش تىراكتورمۇ بار. چۈنكى يەرنى ئاۋۇ بېنىز، BMW بىلەن تېرىغىلى بولمايدۇ-دە!

قاراڭ، ماۋۇ نورۇز گۈلى نېمانداق چىرايلىق ئېچىلغان. 

ماۋۇ چۆپلۈكنى كۆرۈپ، كىچىك ۋاقتىڭىزدا قوي باققۇچە دوستلىرىڭىز بىلەن چېلىشىپ ئوينايدىغان ھېلىقى يايلاقلار ئېسىڭىزدىن كەچتىمۇ؟!

ئېتىزلىقتىكى تارا-تارام يوللارنىڭ بويىدا خۇشپۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان ياۋا ئوت-چۆپلەر بار. 

تەپتەكشى بۇغدايلارنى كۆرۈپ، سانائىتى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان گېرمانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭمۇ بوش ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 

كەنتتىكى بۇغدايلىق. 

كەنتتىكى يول پىيادىلەر يولى، موتورسىز قاتناش يولى، موتورلۇق قاتناش يولى دەپ ئېنىق ئايرىلغان. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىمۇ بۇنداق ئېنىق ئايرىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. 

كەنت يولىدىكى كۆرسەتكۈچ تاختىسى. 

كۆكتاتلىق. قاراڭ، ھەممىسى خۇددى قىرقىپ قويغاندەك تەكشى ئۆسكەن. گېرمانىيە دېھقانلىرىنىڭ قولى گۈلكەن جۇمۇ!

بۇ كۆكتاتلىقنى بىزنىڭ بۇ يەردىكىدەك دولىسىغا كەتمەن ئارتىپ چىقىپ سۇغارمايدۇ. ھەممە ئىشلار بىر كۇنۇپكا بىلەن ھەل بولىدۇ. 

ياۋا ئالما دەرىخى. بالا چاغلىرىڭىزدا ئوغرىلاپ يېگەنغۇ دەيمەن، مۇنداق ئالمىنى!

يول بويىدىكى گۈللەرنى دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بىزلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ماۋۇ يەردىكىلەر بىر تۈپ گىياھنىمۇ خالىغانچە ئۈزمەيدىغاندەك. بۇ يەردىكى گۈللەر نەقەدەر بەختلىك-ھە!

ئاۋۇ يەردە تۇرپان بويلۇقنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈزۈملۈك بارمۇ نېمە؟ قاتار-قاتار باراڭلار تۇرىدۇ. 

سىرتتىن كەلگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • قەخرىمان5 ئاي ئىلگىرى

    ھەممە يېرى شۇنداق ياخشىكەن مۇھىت بەك پاكىز بۇلغانمىغان

  • dilmurat09965 ئاي ئىلگىرى

    بەك چىرايلىق ئىكەن

  • ئەزىمەتجان5 ئاي ئىلگىرى

    مەدەنىي شەھەر دېسە توغرا بولغۇدەك

  • دىلبەر دل5 ئاي ئىلگىرى

    كەلگۇسىدە بىزمۇ چۇقۇم شۇلاردەك تۇرمۇش كەچۇرىمىز

  • گۈلجەتىن5 ئاي ئىلگىرى

    پاھ پاھ راس رېتىملىق ھەم ئۆزگىچە ھەم پاكىز ھەم تىنىچ دىگەندەك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号