باش بەت

ئۇيغۇر

507يوللانما
11مەستانە

بۇ ئايفون قوغداش قېپى AirPodsنى توك بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-23 13:15 0 ئىنكاس چۈشتى


ۋېيفېڭ تورى 23-ئۆكتەبر خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:

AirPods ئالما شىركىتى بازارغا سالغان تۇنجى سىمسىز تىڭشىغۇچ مەھسۇلاتى. بۇ مەھسۇلات ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۆزگىچە تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ، بىراق توكداننى بىللە ئېلىپ يۈرمىسىڭىز AirPodsنى داۋاملىق ئىشلىتەلمەيسىز، تىڭشىغۇچ يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى ئىگىلىك تىكلىگەن ئەترەت بىر خىل Quip دەپ ئاتىلىدىغان iPhone قوغداش قېپىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. ئۇ AirPods توكدىنىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، تىڭشىغۇچنى توك بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن. تۆۋەندە بىز تەپسىلىي ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئاستى تەرىپىگە ئىككى سىمسىز زەرەتلەش ئېغىزى سەپلەنگەن بولۇپ، AirPodsنىڭ توكدىنى بىلەن ئوخشاشلا تىڭشىغۇچنى بىۋاستە چېتىپ زەرەتلىگىلى ۋە بىللە ئېلىپ يۈرگىلى بولىدۇ.

AirPodsنى توك بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بۇ قوغداش قېپى يەنە iPhoneنىمۇ زەرەتلىيەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان باتارېيە بىلەن AirPodsنى 20 قېتىم زەرەتلىگىلى، iPhoneنى %70 زەرەتلىگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قوغداش قېپىغا USB-C سەپلەنگەن بولۇپ، زەرەتلەش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە بۇ Quip قوغداش قېپى ئاممىۋى مەبلەغ توپلاش سۇپىسى Indiegogoدا مەبلەغ توپلاۋاتقان بولۇپ، iPhone 7 قاتارلىق يانفون تىپلىرىنى قوللايدۇ. iPhone 8گە ماس كېلىدىغان نەشرىمۇ پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ. باھاسى 70 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 450 يۈەن) بولۇپ، كېلەر يىلى 2-ئايدا مال بىلەن تەمىنلەش مۆلچەرلەنمەكتە.

AirPods ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا رەسمىي بازارغا سېلىنغان. بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مال بىلەن تەمىنلەش ۋاقتى ئالتە ھەپتە بولۇپ، ئالما ئورگان تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئالما شىركىتى بۇ سىمسىز تىڭشىغۇچنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپ ياخشىلىغان. نۆۋەتتە ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە خېرىدارنىڭ قولىغا يېتىپ بارىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号