باش بەت

نىجات

308يوللانما
34مەستانە

ساھىبجامال قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئالدامچى تۆت ئەرنىڭ پۇلىنى ئالداپ كەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-24 15:59 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

قانۇن كەچلىك گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسىدىن كەلگەن چېن گاڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ۋۇشىدىكى مەلۇم بىر شىركەتتە خىزمەت قىلاتتى. ئەمما بۇ شىركەت ئادەتتىكى شىركەت بولماستىن، بەلكى تور ئالدامچىلىقى ئۈچۈن مەخسۇس قۇرۇلغان بىر ئالدامچىلىق شىركىتى ئىدى.

بۇ يىل ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن چېن گاڭ خوجايىن تەرىپىدىن كەسىپ دىرېكتورلۇققا ئۆستۈرۈلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كەسپى، «ساھىبجامال» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، توردىكى ئەر تورداشلارنى قاقتى-سوقتى قىلىش كەسپى ئىدى.

تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلى 9-ئايدىن 2016-يىلى 5-ئايغىچە، جاڭ فامىلىلىك ئىككەيلەن تور ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىدە ۋۇشىدا مەلۇم بىر سودا چەكلىك شىركىتىنى ئەنگە ئالدۇرغان. بۇ جەرياندا ئىككى خوجايىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، چېن گاڭ ۋە  ۋاڭ x نى شىركەتنىڭ كەسىپ دىرېكتورى ۋە تۈر دىرېكتورلۇقىغا ئۆستۈرۈپ شىركەتنىڭ كەسپىي تىجارەت باشقۇرۇش مەسئۇلى قىلغان.

ئېنىقلىنىشىچە، چېن گاڭ ئۈندىدار قاتارلىق تور ئالاقە ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ، توردا «ساھىبجامال» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئەرلەر بىلەن «دوستلىشىپ، مۇھەببەتلەشكەن». قارشى تەرەپنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزئارا سوۋغات بېرىشكەن. قىزىل بولاق سوراپ سوۋغا بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ئالدامچىلىق قىلىپ، ئەر كىشىلەرنى قاقتى- سوقتى قىلغان.

قانۇن كەچلىك گېزىتى مۇخبىرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇلار شۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزئارا ياردەم قىلىشىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا تۆت تورداشنى ئازدۇرغان. ئۇلاردىن كۈندە قىزىل بولاق ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان.

شۈ فامىلىلىك تورداش ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالدانغۇچىلارنىڭ بىرى. 2015-يىلى 9-ئايلار ئەتراپىدا، چېن گاڭ بىلەن ئۇنىڭ شېرىكى ۋاڭ قاتارلىقلار، ئۆزىنى «ساھىبجامال» قىياپىتىدە كۆرسىتىپ ئۇنىڭ بىلەن «مۇھەببەتلەشكەن». كۆپ قېتىم «قىزغىن» پاراڭلاشقاندىن كېيىن، چېن گاڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا شۈ فامىلىلىك تورداشنى ئازدۇرۇپ كەتكەن. ئېنىقلىنىشىچە، ئۇلار مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق شۈ فامىلىلىك تورداشنىڭ 4600 يۈەن پۇلنى ئالداپ كەتكەن. شۈ فامىلىلىك تورداش بولسا ئىككىنچى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى. 

2016-يىلى 4-ئايدىن 5-ئايغىچە بولغان بىر ئاي ئارىلىقتا، ئۇلار ئۆزىنى «ساھىبجامال» دەپ ئاتاپ كىشىلەرنىڭ 2832 يۈەن پۇلنى ئالداپ كەتكەن. يەنە بىر ليۇ فامىلىلىك ئەر تورداشنىڭ 3800 يۈەن پۇلنىمۇ ئالداپ كەتكەن.

لى فامىللىك تورداش بولسا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ پۇل ئالدانغىنى ھېسابلىنىدۇ. 2016-يىلى 5-ئايدا لى فامىللىك توردا «ساھىبجامال» قىياپىتىگە كىرىۋالغان چېن گاڭ بىلەن تونۇشتى. ئۇلار يەنە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن كىشىلەرنىڭ 17086 يۈەن پۇلنى ئالداپ كەتكەن.

2016-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى چېن گاڭ ۋۇشى شەھىرى شىنۋۇ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. دېلو تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، ئۇ جىنايىتىنى پۈتۈنلەي ئىقرار قىلدى. ئۇنىڭ ئىقرارىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ ئالدامچىلىققا قاتناشقاندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ 28000 يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى ئالداپ كەتكەن.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، چېن گاڭ ھازىر جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن، ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەنگەن. ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقىنى قانۇننىڭ قاتتىق جازاسى ئىكەن. چېن گاڭ ئەيىبلىنىشتىن بۇرۇن، چېن گاڭنىڭ شىركىتىدىكى جاڭ فامىلىلىك ئىككى خوجايىن ئاللىقاچان قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ھازىر دېلوغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئەھۋاللار ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号