باش بەت

نۇسرەتگۈل

8952يوللانما
149مەستانە

ئۆپكە راكى بولۇپ قالغان بوۋاي خەلق ئىچى رېتسىپى بويىچە چارپاقا شورپىسى ئىچىپ زەھەرلەندى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-23 18:54 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، 60 نەچچە ياشلىق بىر بوۋاي خەلق ئىچى رېتسىپى بويىچە چارپاقا شورپىسى ئىچىپ ئويلىمىغان يەردىن زەھەرلىنىپ قالدى.

63 ياشلىق يۈ بوۋاي ۋۇخەن شەھىرى خوۋخۇ رايونىدا تۇرىدىغان بولۇپ، بىر يىل ئىلگىرى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى ھەم ئىككى ئاي ئىلگىرى ئوپېراتسىيە قىلىندى. بىراق، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشى ئادەتتىكىچە بولدى. يېقىندا، يۈ بوۋاي باشقىلارنىڭ «چارپاقا راك كېسىلىگە شىپا بولىدۇ، زەھەرنى زەھەر بىلەن تازىلاش كېرەك» دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ دەرھال بىر چارپاقا سېتىۋالدى. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇ شورپىنى تەييار قىلىپ يېرىم چىنە ئىچكەندىن كېيىن 20 مىنۇت ئۆتمەيلا ياندۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ ئەسلىدە ئۆيدە ئارام ئالاي دەپ ئويلىغانىدى، بىراق، ئايالى ۋە بالىلىرى كېچىكتۈرۈشنى خالىماي ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.

ۋۇخەن شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا خوۋخۇ رايونى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى دوختۇرلىرى ئەھۋالغا ئاساسەن ئۇنىڭغا چارپاقىدىن زەھەرلەنگەن دەپ دىياگنوز قويدى ھەم دەرھاللا ئاشقازىنىنى يۇيىدىغان، ئىچىنى سۈرىدىغان دورىلارنى بەردى.

جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەي فېن: «چارپاقىنىڭ ھەقىقەتەن دورىلىق قىممىتى بار. ئۇنىڭ قۇلاق ئارقا بېزى، تېرە بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇق قىممەتلىك دورا ماتېرىيالى، زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، راكقا قارشى تۇرۇش، ناركوز قىلىش، رادىياتسىيەگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق روللىرى بار. بىراق، زەھىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا بىۋاستە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، ئاسانلا زەھەرلەپ قويىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号