باش بەت

ئەخمەتجان

3411يوللانما
55مەستانە

گېرمانىيەدىكى بىر كىچىك شەھەر «سۇ ئالۋاستىسى»نى تۇتۇش ئۈچۈن كۆلدىكى سۇنىڭ ھەممىسىنى تارتىپ چىقارماقچى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-23 19:19 1 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئارقا-ئارقىدىن ئاققۇ چۈجىسىنى يەپ كەتكەن «سۇ ئالۋاستىسى»نى تۇتۇش ئۈچۈن، گېرمانىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كىچىك شەھەر ئېتلىڭگېن 21-ئۆكتەبىر بىر كۆلنىڭ سۈيىنى بىر تېمىمۇ قويماي تارتىپ چىقىشنى قارار قىلغان. 

يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بېرى، ئېتلىڭگېندىكى خالباخ كۆلىدە ياشايدىغان ئاققۇلار ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، زور مىقداردىكى ئاققۇ چۈجىسى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. شۇ جايدىكى تاراتقۇلار غەلىتە خەۋەر بېرىپ: «مۇشۇ كۆلدىكى سۇ ئالۋاستىسى يوقاپ كەتكەن ئاققۇلارنى يەپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن. 

كىشىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ ئاققۇ چۈجىلىرىنى مەلۇم سوم بېلىقى يەپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنكەن. 21-ئۆكتەبىر، كۆپلىگەن بېلىقچى كۆلگە يېتىپ كېلىپ كۆلدىكى بارلىق بېلىقلارنى تۇتۇپ، «سۇ ئالۋاستىسى»نىڭ سىرىنى ئاچماقچى بولغان. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى 500 دىن كۆپرەك ئادەم كۆل بويىغا يېتىپ كەلگەن، ئاققۇلارمۇ يېتىپ كېلىپ كۆل بويى تېخىمۇ ئاۋات بولۇپ كەتكەن. 

بىراق، ئېتلىڭگېن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: «بېلىقچىلار بىر قىسىم تاتلىق سۇ بېلىقلىرىنى تۇتقاندىن باشقا، گۆشخور بېلىقلارنى بايقىمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆلدە تاتلىق سۇ بېلىقلىرى كۆپ، شۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ، كۆلدە ئاققۇ چۈجىلىرىنىڭ كۈشەندىسى يوق». 

كېيىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت كۆلدىكى سۇنىڭ ھەممىسىنى تارتىپ چىقىپ، «سۇ ئالۋاستىسى»غا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قويماسلىقنى قارار قىلغان. بىراق، گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ شۇ جايدىكى بىر بىيولوگىيە ئالىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇسۇلى خاتاكەن، ئاققۇ چۈجىلىرىنىڭ ھەقىقىي قاتىلى سۇدا ئەمەس، بەلكى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان تۈلكە بولۇشى مۇمكىنكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 133******263 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئۇلارنىڭ قىلغىنى يەنىلا توغرا دەپ ئويلايمەن چۈنكى ئۇلار ئاققۇلارغا ھاياتلىق مەنبەسى ئاتا قىلماقچى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号