باش بەت

نۇسرەتگۈل

8957يوللانما
149مەستانە

كونا كىتاب سېتىۋېلىشقا ئامراق بىرەيلەن 100 نەچچە مىڭ يۈەننىڭ ئامانەت چېكىنى تېپىۋالدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-25 12:25 1 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 25-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نەنچاڭلىق ۋۇ ئەپەندىنڭ بىر دوستى كونا كىتابلارنى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىككى ئاي ئىلگىرى ئۇ بىر تۈركۈم كونا كىتابلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا كىتاب ئارىسىغا قىستۇرۇلغان نۇرغۇن ئامانەت پۇل چېكىنى بايقاپ قالدى.

ۋۇ ئەپەندى دوستىنىڭ بۇ ئامانەت چەكلىرىنىڭ ئىگىسىنى تېپىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ پۇل چەكلىرى 2009-يلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سودا بانكىسى ۋە قۇرۇلۇش بانكىلىرىغا ساقلانغان پۇللارنىڭ قەرەللىك ئامانەت چېكى بولۇپ، ھەممىسى جەمئىي 120 مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى.

پۇل چېكى ئارىسىغا بىر تېلېفون دەپتىرى قىستۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كونا چاقىرىپ بېرىش تېلېفونلىرىنىڭ نومۇرى خاتىرىلەنگەن.

بانكا خادىمى چەك نومۇرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق پۇللارنى ھېلىھەم ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى.

قاراشلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ياخشى ئەمەسلىكى، مېڭىسى زەخمىلەنگەندىن كېيىن ئاسارەت قالغانلىقى، بىر ئوغلىنىڭ گۇاڭدوڭ سىمسىز رادىيو زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ساقچىلار پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ ئوغلى بىلەن ئالاقىلاشقاندا ئۇ دادىسىنىڭ 10 يىل ئىلگىرى ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكى، دادىسىنىڭ بانكىدا پۇل ئامانەت قويغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە، ۋۇ ئەپەندى ئۇ چەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • كەچۇر ۋيتىڭلار1 ئاي ئىلگىرى

    خەلىقساقچىلىمىزياشىسۇن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号