باش بەت

دىل بايان

1108يوللانما
133مەستانە

ئوقۇغۇچى سىياقىدا ياسىنىۋىلىپ ئىئانە يىغقان قىز بايقىلىپ قالدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-25 15:39 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى بىر توپ كىشىلەر جېڭجوۋ لوڭزىخۇ ئۇنۋېرسىتېتى ئەتراپىدا ئوقۇشقا ياردەم بېرىش خەير-ساخاۋات ئىئانىىسى گۇرۇپپىسى تەشكللەپ ئىئانە يىغقان، ئىچىدىكى بىر قىز يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يىگىتنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئىمزا قويۇپ ئىئانە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۆزىنى خېنەن يېزا ئىگىلىك ئۇنۋىرىستېتى سودا ئىنىستىتۇتى ساياھەت باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى دەپ ئاتاپ، ئىئانە يىغىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلغان. بېيجىڭ ياشلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداندا سىنغا ئالغان كۆرۈنىشىدىن قىزنىڭ قولىدىكى ئىمزا دەپتىرىدە ئاللىقاچان 20 نەچچە ئادەمنىڭ ئىمزا قويۇپ ئىئانە بەرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى.

يىگىت ئىمزا دەپتىرىنى قولىغا ئېلىپ، يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتېتىدا سودا كەسپىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقان ۋە قىزدىن يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتېتىدا قانچە مەكتەپ رايونى بارلىقىنى سورىغاندا، قىز ئۆزىنى يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ كونا مەكتەپ رايونىدىن ئىكەنلىكىنى دېگەن، بىراق مەكتەپنىڭ تەپسىلىي ئورنىنى دەپ بېرەلمىگەن.

كېيىن، ئىئانە يىغقۇچى قىز يىگىتنىڭ گۇمانىدىن كېيىن ئۇنىڭغا ئەگەر ئىشەنمىسە ئىمزا قويمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ كېتىشكە تەييارلىق قىلغان. بۇ يىگىت دەل خېنەن يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئىئانە يىغقان قىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمەسلىكىنى بىلىۋالغان ۋە ئىئانە يىغقۇچى قىزنىڭ كېتىپ قېلىشىنى توسۇپ دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان. 

بۇ ۋىدىئو توردا تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، شۇنداقلا كۆپلىگەن تورداشلار ئىلگىرى مۇشۇنداق ئوقۇشقا ياردەم بېرىش خەير-ساخاۋەت ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرىنى كۆرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مېترو، ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسى، ۋوگزال قاتارلىق ئادەم كۆپ ئورۇنلارنى تاللاپ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قالدۇرۇپ، ئىئانە بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق نەق پۇل، ئەلى چىقىمدانى ۋە ئۈندىداردا ھېساب يۆتكەش قاتارلىق ئۇسۇللاردا ئىئانە توپلايدىغانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ ھەتتا 10 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号