باش بەت

ئادىلجان

7768يوللانما
96مەستانە

Amphipac: سۇ ئاستىدا چەكمە كونتروللاشنى قوللايدىغان iPhone قوغداش قېپى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-25 18:56 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 25-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان iPhoneنىڭ سۇ ئۆتمەس قوغداش قاپلىرى كۆپلەپ چىقىرىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ سۇ ئاستىدا سۈرەتكە تارتىش ۋە ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە ئەھۋالدا سۇ ئاستىدا بارماق بىلەن چەكمە كونترول قىلىشقا بولمايتى. ئەمما ھازىر مەبلەغ توپلاۋاتقان Amphipac بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە 100mmلىق يۇمىلاق لىنزا سوۋغا قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق iPhone ئىشلەتكۈچىلەر سۇ ئاستىدا بىمالال سۈرەتكە تارتالايدۇ. 

بازاردىكى ئاساسلىق سۇ ئۆتمەس قوغداش قېپىدا كۇنۇپكا ئارقىلىق ئېكراننىڭ بەلگىلەنگەن ئورنى كونترول قىلىنىدۇ، ئەمما Amphipacدا ئىشلەتكۈچىلەر ئېكراننىڭ خالىغان ئورنىنى بېسىپ ئىشلىتەلەيدۇ، خۇددى قاپ ئىشلىتىلمىگەن ئەھۋالدا مەشغۇلات قىلغانغا ئوخشاش. بۇنىڭ بىلەن ئىشلەتكۈچىلەر سۈرەتكە تارتىش، ۋېدىيوغا ئېلىش ھالىتىنى ئالماشتۇرالايدۇ، كىچىكلىتەلەيدۇ ياكى سۈرەتكە تارتىش جەريانىدا فوكۇسنى تاللىيالايدۇ. 

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قوغداش قېپىدا يەنە ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرىنىمۇ ئاچقىلى بولىدۇ، شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەر سۈرەتنى تارتىپ بولۇپ ئۇنى سۇ ئاستىدىلا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا يوللىيالايدۇ، قوغداش قېپىنى ئېلىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ مەھسۇلاتقا نۆۋەتتە Kickstarter سۇپىسىدا مەبلەغ توپلىنىۋاتقان بولۇپ، باھاسى 79 دوللار، كېلەر يىلى 4-ئايدا بازارغا سېلىنىدۇ. تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىنكى تەۋسىيەلىك باھاسى 149 دوللار. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号