باش بەت

ئىدىقۇت887

7406يوللانما
16مەستانە

سامسۇڭ شىركىتى ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارغا سامسۇڭ Note8 يانفونىنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-25 21:54 16 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەگەر سىز شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 يېرىمدا ئىسپانىيە مادرىدتىن لا كورۇنا (La Coruna) غا قاراپ ئۇچقان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بىز ئالدى بىلەن سىزنىڭ سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ھەقسىز سوۋغىسىغا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمىز.

سامسۇڭ ئېلىكتىرونى (ئىسپانىيە تارمىقى) بىلەن ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھەمكارلىشىپ يۇقارقى نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرغان 200 نەچچە نەپەر يولۇچىغا سامسۇڭ Note8 يانفونىنى ھەقسىز تارقىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئايروپىلاندىكى ھەممە ئادەمگە (ئايروپىلان خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىر دانىدىن سامسۇڭ Note8 يانفونى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلگەن.

ئايروپىلاندىكى رادىيودا يولۇچىلارغا مۇنداق دېيىلگەن: <ئۆتكەن يىلى بىز ھەر قايسى يولۇچىلارنى يانفونىنى تاقىۋېتىپ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلاپ قويدۇق (يانفون باتارىيىسىنىڭ پارتلاپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك)، بۈگۈن بىز كەڭ يولۇچىلارنىڭ يانفونىنى ياندا ئېلىپ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز>.

كۈتۈلمىگەن سوۋغىغا ئېرىشكەن يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خۇشال كۆرۈنەتتى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، سامسۇڭ شىركىتى ئۆتكۈزگەن بۇ پائالىيەت گەرچە كۆپچىلىكنىڭ ئېسىگە ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن <سامسۇڭ Note 7 يانفونى پارتلاپ كېتىش ۋەقەسى> نى سېلىپ قويىدىغان بولسىمۇ، لېكىن سامسۇڭ شىركىتىنىڭ بۇ قېتىم ئۆتكۈزگەن ئاممىۋى مۇناسىۋەت پائالىيىتى ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارغا ھەقسىز يانفون تارقىتىپ بەرگەنلىكى ھەر قايسى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ئارقىلىق كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پۈتكۈل ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تارقىلىپ ناھايىتى ياخشى ئېلان ئۈنۈمى ھاسىل قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • س ل م3 ئاي ئىلگىرى

    مەن بىر ئالما مەستانىسى شۇڭا سامسۇڭ ئىشلىتىمەن

  • سابا5 ئاي ئىلگىرى

    ئاپلا ما سۇرخان خىلى بىسىقىو قالغان يەنە باشلايدىغان بولدى سامسۇڭغا بىزنى ئۆچ قىلىپ

  • asadolla5 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭ يەرشارى بويىچە بىرىنچى

  • زورررررر…5 ئاي ئىلگىرى

    شۇندەيمەن بەردۇق دەپ يىغۋالدىغان كاللىسى ئىشىپ قالمىغاندۇ سامسۇڭ شىركىتىنىڭ بىرە ئىككى يۈز تىلفۇن نىمە ئۇلار ئۈچۈن …

  • جەينەك5 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭ ھەقىقەتەن سەمىمىيكەن............................

  • روككىفىللېر5 ئاي ئىلگىرى

    ئىسىت ماۋۇ سۇرخان شۇ ئايرۇپىلانغا چىقالمىغىنىغا نىم بوپ كەتكەندۇ يىغلاپ يۇرمەي ئىنكاس يېزىپ قۇيۇڭ

  • يۇپېتىر6 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭ بەك نوچى. سامسۇڭ بەك ياخشى.

  • ئەركىن6 ئاي ئىلگىرى

    ئېلانغا ئۇستا بوپ كېتىپتۇ سامساق شىركىتىمۇ، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق خەقنى سامسۇڭنى قورقماي ئايرىپىلانغا ئەچىقىشقا يېتەكلىمەكچى

  • 181******066 ئاي ئىلگىرى

    ئايروپىلاندىن چۈشكەندە يىغىۋالىدۇ ، ئېلان خالاس

  • w****z6 ئاي ئىلگىرى

    سۈرخان قىنى ئاشنىڭغا بىرتال بىردىغان ئىشتى تەشۋىقاتتىكى مۇناۋەر خادىم دەپ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号