باش بەت

ئەخمەتجان

3424يوللانما
62مەستانە

دائىم خام خىيال سۈرىدىغانلار ۋە ئۇخلىماي چۈش كۆرىدىغانلار تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-27 11:52 6 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 27-ئۆكتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا «ئىشقا ۋاقتدىمۇ خام خىيال سۈرىدىغان»، ئۇخلىماي چۈش كۆرىدىغانلار خېلى بار. دائىم خىيالىي سەيلە قىلىدىغانلاردا دىققىتىنى يىغالماسلىق ئەھۋالى ئېغىر بولسىمۇ، بىراق ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم قۇرۇق خىيال قىلىش، ئوڭىدا چۈش كۆرۈش ئادەمنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىدىكەن، چوڭ مېڭىنىڭ جانلاندۇرىدىكەن. جورجىيە تېخنىك ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا «نېرۋا پىسخولوگىيەسى» قەرەللىك ژۇرنىلىدا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. 

جورجىيە تېخنىك ئىنستىتۇتىنىڭ پىسخولوگىيە ياردەمچىسى پىروفېسسورى، قوشۇمچە مەزكۇر ماقالىنىڭ ئورتاق ئاپتورى ئېرىك (Eric Schumacher) مۇنداق دېدى: «ئاشۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ مېڭە ھەرىكەت ئىقتىدارى يېتەرلىك بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇلار خىيالىي سەيلە قىلىشتىن قۇتۇلالىشى ناھايىتى تەس.» تەتقىقاتچىلار 100 پىدائىينى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى ماگنىتلىق رېزونانس تەسۋىر ھاسىل قىلغۇچتا سايىلەپ چىققان، سايىلەش جەريانىدا ئۇلاردىن دىققىتىنى ئىمكان بار تاينى يوق، زېرىكىشلىك ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە، كۆپ قىسىم پىدائىي خىيالىي سەيلە قىلىشقا باشلىغان، ئۇلارنىڭ كۆزى بىر نۇقتىغا تىكىلگەن بولسىمۇ، بىراق خىيالىدا باشقا جايدا «پالاس قېقىشقا باشلىغان». تەتقىقاتچىلار ماگنىتلىق رېزونانس تەسۋىر ھاسىل قىلغۇچتا سايىلەش جەريانىدا پىدائىيلارنىڭ مېڭى ھەرىكىتى شەكلىگە مۇناسىۋەتلىك سان ئوقۇشىنى تەھلىل قىلغان ھەمدە مېڭى ھەرىكىتىنىڭ تەسۋىر شەكلىنى خاتىرىلىگەن. 

ماقالىنىڭ يەنە بىر ئورتاق ئاپتورى كرىستىن (Christine Godwin) ۋە ئېرىكنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بۇ قېتىملىق سان ئوقۇش خاتىرىسىگە قاتناشقان، شۇنداقلا چوڭ مېڭىنىڭ تەسۋىر شەكلىنى ئۆلچەپ چىققان. تەتقىقات ئۆمىكى كېيىن باشقا سىناقلارنى ئاساس قىلىپ 100 پىدائىينىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتى، ئىجادىي تەپەككۇرىنى ئۆلچەپ چىققان ھەمدە ئۇلاردىن دائىم ئوڭىدا چۈش كۆرۈش ۋە خىيالىي سەيلە قىلىش ئالامىتىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغان. 

نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، پىدائىيلارنىڭ ئەقلىي قۇۋۋەت سەۋىيەسى بىلەن ئوڭىدا چۈش كۆرۈش قېتىم سانىنىڭ ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋىتى باركەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ھەرىكەت ئۈنۈمىمۇ يۇقىرىكەن، بۇنداق كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدە ھېچقانداق ئىش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، قالايمىقان تەپەككۇر ھەرىكىتى كۆپ بولىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • گۈلدەستە5 ئاي ئىلگىرى

    ھەي مەنمۇ بەك خىيال سۈرىمەن مەن كاللامدىن چاتاق چىققان ئوخشايدۇ دەپتىمەن

  • مەن شۇ5 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ مۇشۇ خىلغا تەۋە
    بۇ يەردە ئەقىللىق دىمەكچىدە

  • خىيالچان5 ئاي ئىلگىرى

    سىلە تۇلا خىيال قىلدىغان قىياپەتكە كىرۋامماڭلا مىنىڭ خىيالىمنى بەش ئالتە قىزۋالا ئەتىراپىمدا سۆزلەپيۈرۈپمۇ بۇزاممايدۇ

  • ياۋروپا زومگىرى پادىشاھ مادرىد5 ئاي ئىلگىرى

    مىنى دەۋاتامدو نىمە مەنمو ئوخلىماي چوش كوروپ،ئەمەس خىياللانى قىلمە

  • چالىقۇشى5 ئاي ئىلگىرى

    ھەشۇ،راس دەيدۇ زادى مېنى دەۋاتقاندەكلاھى ھى

  • خولوپ ئاش5 ئاي ئىلگىرى

    مەن شۇڭا ئەقىللىقكەنمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号