باش بەت

ئەخمەتجان

3424يوللانما
62مەستانە

ئالما بىلەن سامسۇڭنىڭ پاتېنت دېلوسىدىكى سوتچى: پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن دېلو نەتىجىسىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-27 12:09 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 27-ئۆكتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

يېقىنقى بەزى خەۋەرلەردە مۇنداق دېيىلگەن: «رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى Lucy Koh ئالما بىلەن سامسۇڭنىڭ پاتېنت دېلوسىنى قايتىدىن قاراپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سامسۇڭ شىركىتى بىلەن ئالما شىركىتىگە: <مەن بەش يىلغا سوزۇلغان بۇ دېلونىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن. مېنىڭ پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن بۇ دېلونى يەنە سۆرەپ يۈرگۈم يوق، مېنىڭچە كۆپچىلىكمۇ مەزكۇر دېلونىڭ بالدۇرراق ئاياغلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ> دېگەن.» ئۇ سوتنىڭ بەش كۈنلۈك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا شۇنداق دېگەن. 

بۇ سوتچىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، قائىدە بويىچە بولغاندا مەزكۇر دېلو 2012-يىلى ئاياغلىشىشى لازىم ئىدى. ئەينى چاغدا سوت مەھكىمىسى سامسۇڭ شىركىتى ئالما شىركىتىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك پاتېنتىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان، شۇڭا ئالما شىركىتىگە 1 مىليارد دوللار تۆلەم بېرىشى كېرەك دەپ ھۆكۈم چىقارغان. 

بىراق، سامسۇڭ شىركىتى ئارقىدىنلا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، تۆلەم سوممىسىنى 339 مىليون دوللارغا چۈشۈرگەن. بىراق، سامسۇڭ بۇ تۆلەمنى يەنىلا كۆپ بولۇپ كەتتى دەپ قاراپ، يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشنى توختىتىپ قويمىغان، ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئاخىردا بۇ قېتىملىق ئەرزدە ئۇتۇپ چىققان. ئەمما، سوت مەھكىمىسى تۆلەم سوممىسىنى ئۆزگەرتىشنى رەت قىلغان، شۇنداقلا دېلونى رايونلۇق سوتقا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، رايونلۇق سوت ھازىر ئەڭ ئاخىرقى تۆلەم سوممىسىغا قايتا قاراپ چىقىۋاتىدۇ.

سوتچى ئىككى تەرەپنى كېلەر يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى قايتىدىن سوتقا چىقىشقا بۇيرۇغان ھەمدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ بەش كۈن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇلارنىڭ يېڭى ئىسپات تاپشۇرۇشىغا يول قويىمەن، بىراق بۇ دېلونى قايتىدىن قاراپ چىقىشقا قوشۇلمايمەن.»

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号