باش بەت

ئادىلجان

7766يوللانما
95مەستانە

مارسقا چىقماقچى بولغان ئېلون ماسك زادى قانداق ئادەم

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-27 21:31 9 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 27-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىرىمنېي جىلغىسىدا پەن-تېخنىكا ماگناتلىرى ناھايىتى كۆپ، ئېلون ماسك ئېنىقلا ئەڭ پۇلدار ئەمەس، ئۇنىڭ بايلىقى تەخمىنەن 18 مىليارد  700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، پەقەت 87-ئورۇندا. ئەمما ئۇ ئوخشىمايدىغان يول تۇتىدىغان ئادەم، چۈنكى باشقا ماگناتلار سىزگە قانداق قىلىپ توردىن كۆپرەل مال ئالدۇرۇش، قانداق قىلىپ يانفونىنى قىممەت سېتىشنى تەتقىق قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئېلون ماسك مارسقا كۆچمەن بولۇشنى پىلانلاپ بولدى. 

ماسكنىڭ تېسلاسى ئاساسلىقى ئىستېمال ساھەسىدىن پۇل تاپىدۇ، Space X بولسا نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئالەم بوشلۇقى ئىزدىنىش تېخنىكىسى شىركىتى بولۇپ، داڭلىق قارچىغا 9 ناملىق راكېتانى قويۇپ بېرىپ ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك يىغىۋېلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتتى. 

ئەلۋەتتە تېسلا ئاپتوموبىلىمۇ قالتىس، كىرىمنېي جىلغىسىدىكى ماگناتلارنىڭ ھەممىسىدە بىردىن بار، ئۇنى توكلۇق ئاپتوموبىلنى ئاساسلىق بازارغا ئېلىپ كىرگەن بىرىنچى ماركا دېيىشكە بولىدۇ. 

داڭلىق «دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز» Hyperloopمۇ ماسك ئوتتۇرىغا قويغان ئۇقۇم، ئەمما نۆۋەتتىكى Hyperloop One ماسكنىڭ شىركىتى ئەمەس، ماسك بۇ تېخنىكىلىق ئۇقۇمنى پەن-تېخنىكا كەسپىدىكىلەرگە «ئېچىپ» بەرگەن، بۇمۇ بىر چوڭ تۆھپە. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە «دەرىجىدىن تاشقىرى تونېل» قېزىۋاتقان بولۇپ، قاتناش توسۇلۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلماقتا. 

ئەمدى ماسكنىڭ ئۆزى ھەققىدىمۇ توختىلايلى. پەن-تېخنىكا ماگناتى، «پولات پالۋان» ئېلون ماسكمۇ ئادەم، شۇڭا ئۇنىڭمۇ قىزىقىش ۋە ھەۋەسلىرى بار. مەسىلەن: ئۇ «007» فىلىملىرىدىكى نەرسىلەرنى قاتتىق ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنى بۇ فىلىمنىڭ «ئەسەبىي مەستانىسى» دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ ئىلگىرى 830 مىڭ دوللارغا 1977-يىلىدىكى قار لەيلىسى Esprit قەدىمىي سپورت ئاپتوموبىلىنى سېتىۋالغان. 

ماسك يەنە ھوللىۋود كىنولىرى ۋە ئامېرىكا تىياتىرلىرىنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ، ئويۇن خۇمارىمۇ ئۇنىڭ ھەۋەسلىرىنىڭ بىرى. مەسىلەن: يۇقىرىقىسى «تۇرمۇشتىكى چوڭ پارتىلاش»نىڭ مەلۇم بىر قىسمى.

كومېدىيەلىك كىنو «Why Him» (نېمە ئۈچۈن ئۇ)دىمۇ ماسكنىڭ كۆلەڭگىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە Clut كىنوسى «ئەگمەچ قىلىچتا قىرىش»، جوھنىي دېپنىڭ «ترانسسېندېنس» قاتارلىقلار بار. 

ئەلۋەتتە داڭدار شەخس ئېلون ماسكنىڭمۇ يەنە بىر قىسىم «غەلىتە تەرەپلىرى» بار. مەسىلەن: ئۇ ناشتا قىلمايدۇ، پەقەت بەزىدە تۇخۇم پوشكىلى يەپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ دائىم بەش مىنۇت ئىچىدە خىزمەت تامىقىنى يەپ بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىغا پايدىسىز. 

بۇنداق ئالدىراش بولۇشىنىڭ سەۋەبى ماسك تېسلاغاكۆڭۈل بۆلۈشى، Space Xنى باشقۇرۇشى كېرەك، شۇنداقلا يەنە پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات OpenAIمۇ بار، يەنە تېخى يېڭى تېخنىكىلار ئۈستىدە باش قاتۇرۇشى كېرەك، بەكلا ئالدىراش. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ھەر كۈنى يۇيۇنۇشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. 

ماسكنىڭ بەش بالىسى بار، شۇڭا ئۇ خىزمەتنى تېلېفوندا قىلماستىن ئېلخەتتە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا بىر تەرەپتىن بالىلىرىغا ھەمراھ بولغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئېلخەت يازالايدۇ. 

ئېلون ماسك يەكشەنبە كۈنى دائىم ئۆزىنىڭ بىل قولتۇقىدىكى ھەشەمەتلىك داچىسىدا تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ يەردىمۇ خىزمەت قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ، ئەمما كۆپىنچە ھالدا ئايالى ۋە بالىلىرىغا ھەمراھ بولىدۇ، يەنە ئازراق چېنىقىپمۇ قويىدۇ. 

ئادەتتە ئۇ ھەر ھەپتىدە چېنىقىش ئۆيىگە ئىككى قېتىم بارىدۇ، ئەمما ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ھورۇنلۇقمۇ قىلىپ قويىدۇ.

ئۇ تەبىئىيلا سەمىرىپ كەتكەن، ئەمما يەنىلا ئىنتايىن ئوماق كۆرۈنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • dolkun2 ھەپتە ئىلگىرى

    مانابۇنداق ئادەملەرنى ھەقىقىي چولپان دەيمىز.

  • Hulam2 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇ ئادەمگە مەن قايىل چۈنكى ناھايتى جۈرئەتلىك قىلمەن دىگەن ئىشنىڭ ھەمىسنى قىلۋاتدۇ، ئالدىنقى يىلى ئالەم كېمسنى تەكرار ئىشلىتىلدغان قىلمەن دىگەن قىلالىدى بۇ يىل كىشلەرنى مارسقا ئاچىقمەن دىدى بۇنىمۇ چۇقۇم قىلالايدۇ

  • 微笑的死神2 ئاي ئىلگىرى

    تېسلا دىگەن ئامىركىدىكى بىر توكلۇق ئاپتۇموبىل ياسايدىغان شىركەتنىڭ ئىسمى يەنى شى ئېلون ماسىك دىگەن خوجايىنى ، ماگنات دىگەن شۇ پەن تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارتىش ئۈچۈن تىرىشۋاتقان شۇ ئادەملەنىڭ بىر خىل ئىلمى ئاتالغۇسى ...

  • كەمپۈت قىز2 ئاي ئىلگىرى

    تېسلا دىگەن نىمۇ ؟ماگنات دىگەنچۇ ، بەزى ئاتالغۇلار سەل .....

  • 189******152 ئاي ئىلگىرى

    لىكىن بۇ ئادەمنىڭ مارىسقا ئاچىقىمەن دىگەن گىپى سەل ئىشىپ كەتتى

  • تانكا 5252 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ بەك ھۆرمەتلەيمەن بۇ ئەپەندىمنى، ئىشقىلىپ ھازىرقى ھايات تىسلا دىسەك بولىدۇ، كاللىسى بەك نوچى ئىشلەپ قويىدۇ بۇنىڭ

  • ھور2 ئاي ئىلگىرى

    دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ماگىناتلارنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆپرەك بىرىڭلا

  • ياۋروپا زومگىرى پادىشاھ مادرىد2 ئاي ئىلگىرى

    بەك ئاڭلاپ قولقوم سەمرىپ كىتىپتىكە موشو ئادەمنىڭ ئىسمىغا،ئاخىرى ئازراق بولسىمو ئوچورغا ئىگە بولدوم،مەن تىخى ئوتوپكەتكەن توت كوزمىكى دەپتىكەنمە

  • Chin@2 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىشى. ھەم ھۆرمەتلەيدىغان كىشى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号