باش بەت

ئىدىقۇت887

7403يوللانما
16مەستانە

بوينى 90 گرادۇس ئېگىلىپ تۇرىدىغان 9 ياشلىق قىزچاق

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-28 18:30 5 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى؛

ئەنگىلىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستاندىكى 9 ياشلىق بىر قىز بوينى 90 گىرادۇس ئېگىلىپ تۇرىدىغان غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ھەتتا تاماقمۇ يېيەلمەيدىغان شۇنداقلا نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قىزچاقنىڭ ئىسمى ئەفشېن (Afsheen) بولۇپ، ئۇ تۇغۇلغاندا باشقا نورمال بوۋاقلارغا ئوخشاش ساغلام تۇغۇلغان بولسىمۇ، لېكىن 8 ئايلىق بولغاندا سىرتتا ئويناۋىتىپ يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن بوينى يارىلىنىپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى بولمىغاچقا، ئەينى چاغدا ئەفشېننىڭ دادىسى قىزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا تازا ئېرەنشىپ كەتمىگەن.

يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەفشېننىڭ كېسىلى بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ بېشىنى تىك كۆتۈرۈپ تۇرالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان شۇنداقلا يەنە بويۇن قىسمى توختىماي ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغان.

ئەفشېن بۇ خىل غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان شۇنداقلا ھەر قانداق ئىشتا ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمىگە تايىنىدىغان بولۇپ قالغان. بۇ بىچارە قىز بەزىدە قېرىنداشلىرى ۋە دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ئوينىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۈنبويى تام بۇلۇڭىدا ئولتۇرۇپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالغان.

ئەفشېن ئىسىملىك قىز بۇ خىل غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، كەنتتىكى باشقا كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشالمايدىغان بولۇپ قالغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • huojia*5325 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭمۇ بەك ئىچىم ئاغرىدى بۇ قىزغا بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پۇقراسى بۇلىدىغان بولسا دۆلەت، جەمىيەت ئالاھىدە كۈڭۈل بۆلگەن بۇلاتتى بۇقىزغا

  • مەستانە5 ئاي ئىلگىرى

    ھەجەپ ئىككى قوللاپ تۇتۇپ ئوڭشاپ قويغۇم كىپ قالدى رەسىمگە قاراپ

  • 186******305 ئاي ئىلگىرى

    بىچارە قىز ئەجەب ئىچىم ئاغرىدى. ئۆت ىكەن ھىندىستانلىق بىر بالىنىڭ شۇنداق خەۋىرىنى كۆرگەن ئىدىم.

  • پىنھان5 ئاي ئىلگىرى

    داسىسى شۇ ۋاقتتا دوختۇرغا كۆرسەتكەن بولسا بۇنچىلىك بوپ كەتمەس بولغىيتى بىچرە قىز

  • Emir15 ئاي ئىلگىرى

    بىچچارە قىز ئەجەپ ئىچىم ئاغرىدى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号