باش بەت

نۇسرەتگۈل

10535يوللانما
188مەستانە

53 يېرىنى ھەرە چېقىۋېلىپ زەھەرلەنگەن ئايال نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-28 21:13 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

23-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان «دېھقان ئايالنىڭ 53 يېرىنى ھەرە چېقىۋېلىپ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالدى» ماۋزۇلۇق خەۋەر نۇرغۇن ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتتى. خەۋەرنى ئوقۇغانلارنىڭ كۆپىنچىسى تېلېفون قىلىپ، بەزىلىرى پۇل ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بەزىلىرى ئامال كۆرسەتتى.

بۇ خەۋەرنى ئوقۇغان ليۇ ئەپەندى شىنجۇلۇق بولۇپ، بۇ يىل 29 ياشقا كىردى، ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن 300 يۈەن ئىئانە قىلدى؛ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىرەيلەن ھەرە چېقىۋالغان يى شۇخۇاغا 1000 يۈەن ئىئانە قىلدى؛ فۇجيەندە ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان جىڭجۇلۇق لى ئەپەندى 400 يۈەن ئىئانە قىلدى.

88 ياشلىق جۇ بوۋاي تېلېفون قىلىپ سېمىز ئوتنى قاينىتىپ ھەرە چاققان ئورۇننى سۈرتۈپ بەرسە زەھەر تازىلايدىغانلىقىنى ئېيتتى؛ 84 ياشلىق ليۇ بوۋاي ئۇششاق سۇڭپىيازنى ئېزىپ ھەرە چاققان ئورۇنغا قايتا-قايتا سۈرۈپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى؛ پېشقەدەم جۇڭيى تىبابەت دوختۇرى، 88 ياشلىق جۇ ئەپەندى بىر جۇڭيى دورىسىنى قاينىتىپ ئىچسە زەھەر قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يى شۇخۇا كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە قىلغان غەمخورلۇقىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ ئارقا-ئارقىدىن رەھمەت ئېيتتى. يى شۇخۇانىڭ ئوغلى شيوڭ ئەپەندى ئانىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەنلىكى، كۆپ قىسىم ئىچكى ئەزالىرىنىڭ فۇنكىسىيەسىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. نۆۋەتتە، يى شۇخۇا ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە داۋالىنىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号