باش بەت

ئەخمەتجان

3411يوللانما
55مەستانە

مارستىكى غەلىتە يەر شەكلى تاشقى پىلانېت ئادەملىرى ئۇچار كېمىسى تالاش-تارتىشى پەيدا قىلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-29 15:10 5 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسىلەرنى تەكشۈرىدىغان ھەۋەسكارلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى نەشر قىلغان ماتېرىيالدىن قەدىمكى زاماندىكى تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بېشارەتلەرنى بايقىغان، ئۇلار كۆرگەن ماتېرىيالدا تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ باش سۆڭەك قۇرۇلمىسى ۋە غەلىتە يەر شەكلىگە مۇناسىۋەتلىك بايانلار باركەن، بىراق بۇنىڭ راست-يالغانلىقى ئېنىق ئەمەسكەن. ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىش مەھەللىسىدىكى بىر قانچە ئادەم مارسنىڭ سىرتقى يۈزىدىن تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ ئالەم كېمىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسىنى بايقىغان، ئۇلار تارتقان سۈرەت ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنىڭ خېلى كۈچلۈك دەلىلى باركەن. 

ئۇلار دېگەن ئاتالمىش «ئۇچار كېمە» تۈۋرۈكسىمان بولۇپ، بىر بېشى ئازراق كەڭ، يەنە بىر بېشى تار، خۇددى ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇيرۇققا ئوخشاپ كېتىدىكەن، ئۇنى بىر كۆرگەن ئادەم ئىلمىي فانتازىيە فىلىمىدىكى تاشلاندۇق ئالەم ئۇچقۇسى ئوخشايدۇ دەپ قالىدۇ. بىراق ئۇنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم. چەتئەللىك تورداشلار بۇ سۈرەتتىكى نەرسىنى چۆرىدەپ قىزغىن تالاش-تارتىشقا چۈشۈپ كەتكەن، بەزىلەر بۇنى تاش دېسە، يەنە بەزىلەر تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ ئۇچار كېمىسى دېگەن. 

ئۇ نەرسىنى تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ كېمىسى ئەمەس دېگۈچىلەر: «بىرە تاشنىڭ سايىسى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى باغلاپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، مۇبادا سىز سۈرەتنى چوڭايتىپ قاراپ باقسىڭىز، ئۇنىڭ ئازگال ياكى باشقا بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى بايقايسىز، نۇر دەستىسى بۇلۇڭىنىڭمۇ سولدىن ئوڭغا ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ» دېگەن. ئۇنى تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ ئۇچار كېمىسى دېگۈچىلەر: «بۇ نەرسىنىڭ كەڭ بېشى پارقىراپ تۇرىدىكەن، بىراق بۇ نۇر دەستىسىنىڭ قارشى تەرەپتىن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، لېكىن ئۇنداق بولۇش ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن. ناۋادا مېتال بولمىسا قانداقسىگە ئۇنداق پارقىرايدۇ» دېگەن. 

بۇ نەرسىنى تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ ئۇچار كېمىسى ئەمەس دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ شەكلى ھەقىقەتەن غەلىتە، بىراق ئۇ بۇرۇنقى چاغلاردىكىدەك كىشىنى ئۇنداق ھاياجانلاندۇرالمايدۇ. بۇ غەلىتە نەرسە مەلۇم سوقۇلۇشتىن پەيدا بولغان ئازگال بولۇشى مۇمكىن ياكى بىرە كىچىك ئاقار يۇلتۇزنىڭ مەلۇم بىر نۇقتىدىن مارسقا سوقۇلۇشىدىن پەيدا بولغان ئازگال بولۇشىمۇ مۇمكىن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • بۇلۇت2 ئاي ئىلگىرى

    مەن نېمە دېيىشنى بىلەلمىدىم.

  • Torres2 ئاي ئىلگىرى

    بو ئازگالكەن،ئىشقىپ مەن شونداق ھىس قىلدىم.

  • @مەۋلان2 ئاي ئىلگىرى

    مەنچە ئۆزۈمنىڭ كۆزقارشىم تاشقى پىلانت ئادىمى دېگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس پەقەتلا بىر ئويدۇرما

  • پاقىراق كاللا2 ئاي ئىلگىرى

    بىر قارسىلا ئازگالدەك بىرقارسا تىك تۇرغان تاشتەك بىرقارسا دىگەندەك ئالەم كىمىسگە ئوخشاپ قالدىكەن

  • ۋاپادىل☺2 ئاي ئىلگىرى

    تالاش تارتىش قىلغۇچە مارىسقا بېرىپ كۆرۈپ كەلسىلا بولمىدىمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号