باش بەت

ئەندەر

5828يوللانما
200مەستانە

كىنو ساھەسىدىكى ئەمەلىي ئىقتىدارى كۈچلۈك 10 چولپان

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-29 19:30 0 ئىنكاس چۈشتى

باش خەۋەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

10. چېڭلوڭ: ئۇ دەسلەپتە جىڭجۈ تىياتىرىدا جانبازلىق رولىغا چىققاندىن كېيىن، كىنو ساھەسىگە قەدەم قويغان، شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ ھوللىۋودقا كىرگەن شياڭگاڭلىق چولپان بولۇپ قالغان، ئۇن جۇڭگو ۋە دۇنيا كىنو ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى زور.

9. فەن شاۋخۇاڭ: ئۇ 3 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ دادىسىغا ئەگىشىپ گۇمپا ئۈگەنگەن، كېيىن كىنو ساھەسىگە كىرىپ بالا جامبازنىڭ رولىغا چىققان، يېشىنىڭ چوڭ بولىشىغا ئەگىشىپ بارغانسىرى نام قازانغان.

8. ليۇ جياخۈي: ئۇ داڭلىق جامباز ليۇ جيالياڭنىڭ شاگىرتى، ئامېرىكىلىقلار ئۇنى «تاقىرباش قەھرىمان» دەپ ئاتايدۇ، ئۇ جۇڭگو جامبازلىق ماھارىتى بىلەن نام قازانغان.

7. لياڭ شياۋلوڭ: ئۇ جامبازلىقنى ئۆزى ئۆگەنگەن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا لى شياۋلوڭ بىلەن بىللە كىنو ئىشلىگەن، كېيىن چېڭلوڭ ۋە دىڭ لوڭلار بىلەن شياڭگاڭ كىنو ساھەسىدە نام قازانغان.

6. ۋۇ جىڭ: بۇ چولپاننىڭ «گۇمپىچى شاكىچىك» دېگەن نامى بار، ئۇ 1995-يىلىدىن باشلاپ كىنو ئىشلەشكە باشلىغان، ئۇ «شياۋلىن ئىبادەتخانىسى» فىلىمىدە رولغا چىققان، ئۇنىڭغا گۇمپا ئۈگەتكەن ئۇستازى دەل لى ليەنجيېگە گۇمپا ئۆگەتكەن كىشىدۇر.

5. لى ليەنجيې: ھەرىكەتلىك كىنولاردىكى گىگانت چولپان لى ليەنجيې بېيجىڭدا تۇغۇلغان، خەلقئارالىق گۇمپا ماھىرى، ئۇ 1975-يىلىدىن كېيىن ئۇدا بەش قېتىم مەملىكەتلىك جامبازلىق چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

4. جېن زىدەن: بۇ چولپاننىڭ ئاپىسى دۇنياغا داڭلىق گۇمپا ئۇستىسى، شۇنداقلا تەيجى گۇمپا ماھىرى، ئۇ دۇنيا ۋە جۇڭگو ماھارەت تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەت قىلغان، شۇڭا جېن زىدەن ئاپىسىدىن نۇرغۇن ماھارەت ئۆگەنگەن.

3. چېن خۈيمېن: «ئالتۇن مېداللىق» چېن خۈيمېن شياڭگاڭلىق ئارتىس، شۇنداقلا گۇمپا ئۇستازى. چېن خۈيمېننىڭ بەدىنىدىكى چەكمە ئۇ قارا جەمئىيەتتىكى ۋاقتىدا چېكىلگەن، ئۇ ئالدىنقى ئەسىزنىڭ 80-يىللىرى ۋە 90-يىللىرى كىنو ساھەسىدە قالتىس نام قازانغان.

2. لى شياۋلوڭ: قوش كالتەك ئۇستىسى لى شياۋلوڭنىڭ ئەسلى ئىسمى لى جېنپەن، ئۇ 1940-يىلى ئامېرىكىغا چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان، ئەسلى يۇرتى جۇڭگونىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. لى شياۋلوڭ ئەسلى جامباز بولۇپ، كېيىن كىنو ساھەسىدە قالتىس نام قازانغان.

1. جوۋ بىلى: دۇنياۋى دەرىجىلىك بوكىس شاھى جوۋ بىلى ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى، ئۇنىڭ لەقىمى «يولۋاس»، ئۇ كانادادا بىلىم ئاشۇرغان، قۇرۇق قول ئېلىشىشنى مەشىق قىلغان، كەسپىي ھاياتىدا 43 قېتىم غەلبە قىلىپ، 8 قېتىم مەغلۇپ بولغان، 31 قېتىم رەقىبىنى KO قىلغان، بىراق مۇسابىقىدە ئەزەلدىن KO بولمىغان، 1985-يىلى WKA ئەركىن ئېلىشىش تۈرىدە دۇنيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号