باش بەت

ئىدىقۇت887

7403يوللانما
16مەستانە

يۈرىكى سىرتىغا ئۆسۈپ قالغان قىز كۆكرەك قالقىنى تاقاپ مەكتەپكە باردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-29 23:48 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يۈرىكى كۆكرىكىنىڭ سىرتىغا ئۆسۈپ قالغان قىزچاق ھېلىمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ قىزچاق ئىلگىرى بۇ خىل ئالاھىدە كېسىلى سەۋەبلىك تاراتقۇلار تەرىپىدىن كەڭ تۈردە خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەر ئىزچىل ھالدا بۇ قىزچاقنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانىدى. بۇ قىزچاق يېقىندا InsideEdition تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ھازىر ئۇ ئالاھىدە ياسالغان كۆكرەك قالقىنى تاقاپ ئوقۇشقا كىرگەن.

nsideEdition تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 8 ياشقا كىرگەن ۋىرساۋىيا بورۇن (Virsaviya Borun) رۇسىيەدە تۇغۇلغاندا گانتىرېل سىندرومى (Pentalogy of Gantrell) غا گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرىكى پەقەت بىر قەۋەت نېپىز تېرە ئارقىلىق ئورالغان ھالدا كۆكرەك بوشلۇقىنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇراتتى، ئەينى چاغدا دوختۇرلار ئۇنى گەپ قىلالماسلىقى ياكى ماڭالماسلىقى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان، لېكىن ھازىر ئۇ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان بولۇپ، ئاللىقاچان ئامېرىكا ھوللىۋودتىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەنىدى.

ۋىرساۋىيانىڭ ئاپىسى دارى (Dari) ئامېرىكىدىكى InsideEdition تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: <ئەينى چاغدا دوختۇرلار ماڭا قىزىمنىڭ گەپ قىلالماسلىقى ياكى ماڭالماسلىقى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانىدى>. گەرچە بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ %90 سى تۇغۇلۇشتىلا ئۆلۈپ كېتىدىغان بولسىمۇ، لېكىن قەيسەر ۋىرساۋىيا دوختۇرلارنىڭ پەرىزىنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىغانىدى. ھازىر ۋىرساۋىيا باشقىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىغا ئايلانغانىدى.

ۋىرساۋىيا مەكتەپكە بارغاندا، مەكتەپ فورمىسىنىڭ ئىچىگە ئالاھىدە كۆكرەك قالقىنى تاقاپ كۆكرەك قەپىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرىدىغان يۈرىكىنى قوغدايدىغان بولۇپ، لېكىن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ قالقاننى ئېلىۋېتىدۇ، چۈنكى ۋىرساۋىيا بۇ قاتتىق قالقاننى تاقىۋالغاندا ئۆزىنى ناھايىتى بىئارام بولۇۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.


باش سۈرەت تاللاش x
  • ζulpiya5 ئاي ئىلگىرى

    قىزممۇ مۇشۇ قىزدەك تۇغۇلغان لىكىن ئەپسۇس قىزىم ھازىر يوق بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ كۆڭلۇم يەنە يىرىم بولدى....

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号