باش بەت

zefer

1217يوللانما
64مەستانە

مارسنىڭ يەر يۈزىدە زەھەرلىك ماددا مەۋجۇت ئىكەن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-30 09:55 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئالەم ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدىنىۋاتىمىز، ھەمدە ئالەمدە ئىنسانلاردىن باشقا جانلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئىنسانلار مارس ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خېلى بۇرۇنلا باشلىغان، لېكىن ئالىملار ھازىرغىچە مارستا ھاياتلىقنى بايقىمىدى.

ئالىملارنىڭ بايقىشىچە مارستا سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ مارستا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، سۇ بولمىسا ھاياتلىق شەكىللەنمەيدۇ. ئۇنداقتا مارستا سۇ بار، لېكىن ھاياتلىق يوقمۇ؟

ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، مارستىكى سۇيۇق ھالەتتىكى سۇدا بىر خىل زەھەرلىك پېرخلورات بار بولۇپ، قۇيۇش نۇرىنىڭ يورۇتۇشى ئاستىدا زور مىقداردا زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىدىكەن. ئەگەر كەلگۈسىدە كىم مارسنى ئىگىلىسە، بۇ خىل ماددىلارنىڭ ئۇلارغا ناھايىتى زور رولى بار، چۈنكى پېرخلوراتتىن راكېتا يېقىلغۇسى ۋە ئوكسىگېن ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.

مارستا يۇقىرى رادىياتسىيەلىك مۇھىت بار، ھەر قانداق ھاياتلىق مارستا ياشىيالمايدۇ. بۇندىن بۇرۇن ئالىملارمۇ باكتېرىيە بىلەن پېرخلوراتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، ھەتتا باكتېرىيەلەر بىر مىنۇتمۇ ياشىيالمىغان. بۇ ئالىملارنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرغان، چۈنكى يەرشارىدىكى باكتېرىيەلەر پېرخلورات بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولالايدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلەر مارستا ھاياتلىق بار دەپ ئويلايتتى، لېكىن بۇ قېتىمقى بايقاش باكتېرىيەنىڭ مارستا ياشىيالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئالىملار يەنە باكتېرىيەنىڭ مارستىكى يۇقىرى رادىياتسىيەلىك مۇھىتقا كۆنەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغان، يەنى باكتېرىيە مارستا بىردەمدىلا ئۆلۈپ قالىدۇ. ئالىملار مارسنىڭ رادىياتسىيەسىدە نۇرغۇن ئاكتىپ ئىيونلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان، بۇ ئىيونلار جانلىقلارنىڭ ھۈجەيرىسىنى بۇزۇۋېتىدىكەن، شۇڭا باكتېرىيە مارستا ياشىيالمايدۇ.

ئەگەر مارستا باكتېرىيەمۇ ياشىيالمىسا، ئۇنداقتا ئىنسانلارغا بىر نېمە دېمەك تېخىمۇ تەس.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەقىل-ئىدىراك5 ئاي ئىلگىرى

    ئىزدىنىش ئەقىلنى ئويغىتىپ مەنزىلىگە يەتكۈزىدۇ، چىقتىقمۇ چۇقۇم ئۈمۈد بار !

  • قەيسەر5 ئاي ئىلگىرى

    بىردەم باكتىرىيە ياشىيالايدۇ دەيدۇ، بىردەم ياشىياممايدۇ دەيدۇ، قاناخ ۋوپ كىتىپباردۇ

  • پاقىراق كاللا5 ئاي ئىلگىرى

    ئىنسانلار يامان،ھەم ئەقللىق ،تىخنىكا بارغانسىرى ئىلغارلىشدۇ،ئۇنچىلىك ئىشلارنى ھەل قىلىپ مارىسنى ئىگەللەپ ،مارىستا تۇرۇپ يەنە باشقا پىلانىتقا بىرىپ ئۇيەرنىمۇ ئىگەللەپ،تاشقى پىلانىت ئادەملىرى بىلەن دوس بولۇپ ياكى ئۇرۇش قىلىپ ،ئۆزئارا تىخنىكا ئۈگۈنۈپ ساقايماس كىسەللەرنى داۋالاپ ،مەڭگۈ ياش تۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشرۇپ دىگەندەك ئىشلار بولغۇسى كەلگۈسىدە

  • رېفات5 ئاي ئىلگىرى

    مارىستا باكتېرىيەلەر زادى ياشىيالامدۇ يوق ، شۇنىلا بىلىۋاسام بوپتىكە.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号