باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11610يوللانما
948مەستانە

كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغقۇچى ئوغرىلىغان 50 مىڭ يۈەن ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-30 18:00 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

27-ئۆكتەبىر سىچۇەن ئۆلكىسى لۇجۇ شەھىرى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى خەۋىرى: بۇ يىل ئاۋغۇستتا، لۇجۇ شەھىرى گۇلىن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارسى ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار ليۇ XXنى قولغا چۈشۈردى. ليۇ XX كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش پونكىتىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، شۇ ئايدا ئۇ گۇلىن ناھىيەسى دۇڭشىن بازىرىدىكى مەلۇم كەنتتىن كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىۋالغاندا، 70 ياشلىق ياشانغان ئادەمنىڭ 50 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش نەق پۇلىنى ئوغرىلاپ، چەترەك يول بويىدىكى بىر دەرەخ كامىرىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويغان. شۇ كۈنى كەچتە، ساقچىلار چازا قۇرغاندا، ليۇ XXنى قولغا چۈشۈرگەن. نۆۋەتتە، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جىنايەتچى ليۇ XXنى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە قولغا ئالدى. ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئىگىسىگە قايتۇرۇلۇپ، دېلو يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ.

ساقچىلار 50 مىڭ يۈەنگە يېقىن ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى تاپقاندىن كېيىن، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەردى.

ئەتراپلىق رازۋېدكا قىلىنىپ، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئەڭ ئاخىرىدا دەرەخ كامىرىدىن بۇ پۇللارنى تاپتى.

كېرەكسىز نەرسە-كېرەك يىغقۇچى ليۇ XXمۇ تۇتۇلۇپ، جىنايەت نەق مەيدانىنى تونىدى.

ليۇ XXنىڭ نەق پۇلنى يوشۇرۇپ قويغان جايى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • *~قارا كۆز~*2 ئاي ئىلگىرى

    تۇرمىغا بىرىپ كېرەكسىز ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلا ئەمدى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号