باش بەت

zefer

1217يوللانما
64مەستانە

ئىنسانلار ئالەم بوشلۇقىغا زادى قانچىلىك سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-10-30 21:50 5 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

سۈنئىي ھەمراھ يەر شارى ئوربېتىسىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئادەمسىز ئۇچقۇنى كۆرسىتىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ قۇيۇپ بېرىلگەن سانى ئەڭ كۆپ، ئىشلىتىلىشى ئەڭ كەڭ، تەرەققىياتى ئەڭ تېز ئاۋىياتسىيە ئۇچقۇسى. كونىلار «ئېگىزدە تۇرساڭ يىراقنى كۆرەلەيسەن» دەپ توغرا ئېيتقان، بۇ سۆز سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئۈستۈنلىكىنى يىغىنچاقلاپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. 

سۈنئىي ھەمراھ دېگەن نېمە؟

سۈنئىي ھەمراھ يەر شارى ئوربېتىسىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئادەمسىز ئۇچقۇ. سۈنئىي ھەمراھ ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسى قانۇنىيىتى بويىچە يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ئوخشىمىغان ئوربېتىدا يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى، ئاتموسفېرانىڭ قارشىلىق كۈچى، قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى، ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى ۋە يورۇقلۇق بېسىمى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ئەمەلىي ھەرىكەت ئەھۋالى ئىنتايىن مۇرەككەپ. سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلگەن سانى ئەڭ كۆپ، ئىشلىتىلىشى ئەڭ كەڭ، تەرەققىياتى ئەڭ تېز ئاۋىياتسىيە ئۇچقۇسى. سۈنئىي ھەمراھنىڭ سانى ئاۋىياتسىيە ئۇچقۇسىنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ %90ىدىن ئارتۇقنى ئىگىلەيدۇ.

سۈنئىي ھەمراھ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ : ئىلىم-پەن سۈنئىي ھەمراھى، تېخنىكا تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى، قوللىنىشچان سۈنئىي ھەمراھ. ئىلىم-پەن سۈنئىي ھەمراھى ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتقا ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھ، ئاساسلىقى بوشلۇق فىزىكىلىق تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھى، ئاسترونومىيە سۈنئىي ھەمراھىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەلۇم سەييارىنىڭ ئاتموسفېراسىنى، رادىياتسىيە بەلبېغى، ماگنېتوسفېرا، ئالەم نۇرى، قۇياش رادىياتسىيەسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە باشقا ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتەلەيدۇ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى سۈنئىي ھەمراھ ئاساسلىقى يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مارس سۈنئىي ھەمراھىمۇ بار.

سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئاساسلىق ئىشلىتىلىش يولى

1.سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئاساسلىق ئىشلىتىلىش يولى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟

سۈنئىي ھەمراھنىڭ تەشكىلىي قىسمىنى سۈنئىي ھەمراھ گەۋدىسى ۋە يۈك بۆلمىسى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. يۈك سۈنئىي ھەمراھ تەجرىبە ئىشلەيدىغان ياكى مۇلازىمەت قىلىدىغان ئەسۋابنى كۆرسىتىدۇ، سۈنئىي ھەمراھ گەۋدىسى يۈكنى خىزمەت قىلدۇرىدىغان ۋاسىتە. سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ئېلىپ يۈرگەن يۈككە قاراپ بېكىتىلىدۇ . 

2، سۈنئىي ھەمراھ قايسى تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟ نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟ 

سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، نۇرغۇنلىغان ماتېرىيالنى بىرلا ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلالايدۇ ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا يوللىيالايدۇ، ئۈچ دانە سۈنئىي ھەمراھ يەر شارىنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىيالايدۇ، ئىشلىتىش مەقسىتىگە ئاساسەن سۈنئىي ھەمراھنى تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ: 

ئىلىم-پەن سۈنئىي ھەمراھى: ئالەم بوشلۇقىدا ئاتموسفېرا فىزىكىسى، گېئوفىزىكا قاتارلىق تەجرىبە ياكى سىناقلارنى ئىشلەيدىغان سۈنئىي ھەمراھ، مەسىلەن جۇڭخۇا 1-نومۇر، خۇببېر قاتارلىقلار.

ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى: تېلېگراف ئالاقىسىنى تۇتاشتۇرۇش پونكىتى ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھ، مەسىلەن ئاسىيا 1-نومۇر.

ھەربىي ئىشلار سۈنئىي ھەمراھى: سۈرەت تارتىش، رازۋېتكا قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھ . 

مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھى: بۇلۇت قاتلىمىنىڭ خەرىتىسى ۋە ئالاقىدار مېتېئورولوگىيە ماتېرىياللارنى يىغىدىغان سۈنئىي ھەمراھ.

بايلىق سۈنئىي ھەمراھى: يەر يۈزى ياكى چوڭقۇر قاتلامدىكى تەشكىلىي قىسىملارنىڭ سۈرىتىنى قوبۇل قىلىدىغان، يەر شارى بايلىقلىرىنى ئىزدەيدىغان سۈنئىي ھەمراھ . 

سەييارىلەر ئارا سۈنئىي ھەمراھ: سەييارىلەر ئارا قاتناپ باشقا سەييارىلەرنى تەكشۈرۈپ سۈرەتكە تارتىدىغان سۈنئىي ھەمراھ، ئادەتتە سەييارە تەكشۈرۈش ئەسۋابى دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، ئاۋانگارت ناملىق، مارس ناملىق، چارلىغۇچى ناملىق قاتارلىقلار .

ئۇنداقتا ئىنسانلار بوشلۇققا قانچىلىك سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى؟ 

1957-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى سۈنئىي ھەمراھنى قۇيۇپ بەرگەندىن بۇيان، ئىنسانلار جەمئىي 4000 دانە سۈنئىي ھەمراھنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى . 

لېكىن ھازىر ئوربېتىدا ئايلىنىۋاتقىنى تەخمىنەن 800 دانە، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ كۆپ بولۇپ، جەمئىي 413 دانە، ئۇنىڭدىن قالسىلا رۇسىيەنىڭ 96 دانە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئادەتتە 30دىن ئاز.

1970-يىلى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى سۈنئىي ھەمراھى «شەرق قىزاردى 1-نومۇر» مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. بۈگۈنگە قەدەر، ئېلىمىز 60 نەچچە سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بەردى. كەلگۈسى 5 يىلدا ئېلىمىز يەنە 50 نەچچە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىدۇ، بۇلار دۆلىتىمىزنىڭ «كۇافۇ پىلانى» (قۇياش تەتقىقاتى)، «ئايپەرى پىلانى» (ئايغا چىقىش پىلانى) ۋە مارسنى تەكشۈرۈش پىلانىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سۈنئىي ھەمراھنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى 

ئالەم بوشلۇقىنىڭ مۇھىتى ناچار بولغاچقا، سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئۆمرى بەك قىسقا، كۆپ قىسمىنىڭ 1-2 يىللا، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ ئون يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا كەلگۈسىدىكى سۈنئىي ھەمراھ بارغانسېرى تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ كىچىك ئىككى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئالدىنقىسى ئاساسلىقى كۆچمەنلەر سۈنئىي ھەمراھى؛ يەنە بىرى كىچىك سۈنئىي ھەمراھ، ئالاھىدە كىچىك سۈنئىي ھەمراھ، ھەتتا نانو سۈنئىي ھەمراھ (10 كىلوگىرامدىن يېنىك). كىچىك سۈنئىي ھەمراھ ئاساسلىقى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

سۈنئىي ھەمراھنىڭ كارامىتى قانچىلىك؟

سۈنئىي ھەمراھنىڭ كارامىتىنى تىلغا ئالغاندا، جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى بىر تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ئامېرىكىنىڭ «kh-12» جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار سۈرەتكە ئېلىش سۈنئىي ھەمراھى، ئۇ 300 كىلومېتىر يۇقىرى بوشلۇقتا تارتقان سۈرەتتە يەر يۈزىدىكى 100-500 مېتىرغىچە بولغان نىشاننى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ، ئامېرىكا ئارمىيەسى رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ساقىلىنى كۆرەلەيمىز دەپ پو ئاتقان. ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئىلغار رادار جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھى يەر ئاستىدىكى بەش مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇرۇلۇشلارنى بايقىيالايدۇ. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، يەر ئاستىدىكى ئىستىھكام ئۇنىڭغا نىسبەتەن خۇددى بوتۇلكا ئىچىدىكى ئالتۇن بېلىققا ئوخشايدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەزمەت.4 ئاي ئىلگىرى

    مېنىڭ تېلېفون ئويناپ تۇرۇۋاتقىنىمنى ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيدۇ.

  • ئابلىز سەۋدا5 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىيقەتەن قۇل قۇيدۇم ،يەر ئاستىنىمۇ كۈرەلەيدىكەن دىسە بايلىق سۈننى ھەمرايىم بۇلغان بۇلسا نىمدىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە…ھەي

  • مەتلى5 ئاي ئىلگىرى

    ئۆلگۈر سۈنئى ھەمرا نېمدىگەن قالتىس

  • بىكون ئىستىۋىن5 ئاي ئىلگىرى

    ھەممىسى بىكا گەپ............،

  • مەۋلانىم5 ئاي ئىلگىرى

    ئامىركىلىق ئەبلەخلەر ئاسماننى توشقۇزۇپ بوپتىغۇ سۈنئى ھەمراھقا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号