باش بەت

مەۋلىدە بەردى

69يوللانما
5مەستانە

ماشىنا ئىگىسىنىڭ بىپەرۋالىقى سەۋەبىدىن ماشىنا ئىچىدىكى 5000 يۈەن پۇل ئوغرىلاندى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-30 23:03 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

يېقىندا سۇجۇ ۋۇجياڭ ساقچى تەرەپ غەلىتە بىر دېلو تاپشۇرۇۋالغان. دېلو مەلۇم قىلغۇچى جاۋ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ماشىنىسىغا قويۇلغان 5000 يۈەن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن.

دېلو تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن، جىنايى ئىشلار تېخنىك خادىمى دەرھال نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان. ساقچىلار ئوغرىلانغان ماشىنىنىڭ قۇلۇپى، ئىشىكى، ماشىنا دېرىزىسىدە قىلچە بۇزۇلغان ئىز يوقلىقىنى بايقىغان. ساقچى تەرەپ جاۋ ئەپەندى پۇلنى ماشىنىغا قويمىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلانغان. ئەمما جاۋ ئەپەندى بىر كۈن بۇرۇن راستتىنلا ماشىنىغا 5000 يۈەن قويغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. پۇل ئوغرىلانغان بولسا ئوغرى قانداق قىلىپ ھىم ئېتىك ماشىنىدىن پۇلنى ئېلىپ كەتكەندۇ؟ ساقچىلار دەرھال ئەتراپتىكى كۆزىتىش ئاپپاراتىنى تەكشۈرگەن.

سىنكۆزدىن ساقچىلار بىر ئەرنىڭ سەھەر سائەت 4 لەردە ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا مېڭىپ يۈرگەنلىكىنى، ھەر بىر ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئىشىكىنى تارتىپ باققانلىقىنى، جاۋ ئەپەندىنىڭ ماشىنىسىغا كەلگەندە بىرلا تارتىشى بىلەن ئېچىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. ئەسلى جاۋ ئەپەندى كەچتە ماشىنا توختاتقاندا ياخشى ئەتمىگەنىكەن. شۇڭا بۇ ئەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پۇلنى ئوڭۇشلۇق ئوغرىلىۋالغان.

سىنكۆزگە ئاساسەن، ساقچىلار جىنايەت گۇماندارى يې فامىلىلىكنى بېكىتكەن. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە بىر تورخانىدا ئۇنى قولغا چۈشۈرگەن. 21 ياشلىق يې فامىلىلىك كۈنلىرىنى تورخانىدا ئويۇن ئويناش بىلەن ئۆتكۈزدىكەن، خىزمەت تاپالمىغاچقا كۈندە تامىقى، يېتىشى تورخانىدا ئىكەن. پۇلى تۈگىگەندە كاللىسىغا ئوغرىلىق قىلىش كەلگەن. بىر تاساددىپىي پۇرسەتتە ئۇ بەزى ماشىنا ئىگىلىرىنىڭ بىپەرۋالىقىدىن ماشىنا ئىشىكى ياكى دېرىزىنى ئېتىشنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقاپ تەلەي سىناپ بېقىش قارارىغا كەلگەن.

شۇ كۈنى سەھەر 4 دە، يېنىدا يارماقنىڭ سۇنۇقىمۇ قالمىغان يې فامىلىلىك پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىشنى ئويلاپ، نەزىرىنى قورۇلار ئىچىدىكى شەخسى ماشىنىلارغا توغرىلىغان. قاراڭغۇلۇقتىن پايدىلىنىپ بىر ئالىي ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا كىرىپ ماشىنا ئىشىكىنى بىردىن تارتىپ باققان. ناھايىتى تېزلا جاۋ ئەپەندىنىڭ ماشىنىسى ئېچىلغان، ئىچىگە تىمسىقلاپ كىرىپ ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ ئاخىرى پېچىتى بىلەن تۇرغان نۇرغۇن پۇلنى بايقىغان. چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ئىچىدىكى بىر بولىقىنى ئېلىپلا ماشىنا ئىشىكىنى يېپىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك كەتكەن. بىرىنچى قېتىمدىلا «سودا»سىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن بەك خوش بولغان. ئالدى بىلەن تورخانىنىڭ قەرزىنى تۆلىگەن. قالغىنىغا تور كارتىسىغا داۋاملىق پۇل قاچىلىماقچى بولغان. ئۇ ساقچىلارنىڭ نەچچە سائەتتىن كېيىنلا ئىزدەپ كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ شۇ كۈنى بەش ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچالىغان، لېكىن پەقەتلا جاۋ ئەپەندىنىڭ ماشىنىسىدا پۇل بار ئىكەن.

نۆۋەتتە جىنايەت گۇماندارى يې فامىلىلىك ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىپ قويۇلغان. بىر قىسىم ئوغرىلانغان پۇل قايتىپ كەلگەن. دېلو تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلىۋىتىپتۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号