باش بەت

zefer

939يوللانما
51مەستانە

كولا ئىچىش راستتىنلا ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتەمدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-31 17:50 18 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

نۇرغۇن كىشىلەر كولا ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن بەزىلەر ئىچىشتىن ئەنسىرەيدۇ، بولۇپمۇ بالىلىق بولماقچى بولغان ئەرلەرنىڭ بىر ئەندىشىسى بار، چۈنكى ئېيتىشلارغا قارىغاندا «كولا ئىسپېرمىنىڭ قاتىلى» ئىمىش.

بۇ راستمۇ؟

بىز ئاۋۋال بۇ سۆزنىڭ مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى، بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى بار.

بىرىنچى سەۋەب : كولانىڭ رېتسېپى مۇتلەق مەخپىي

كولا ئامېرىكىدا كەشىپ قىلىنغان گازلىق ئىچىملىك (كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىك)، كوكاكولا شىركىتىنىڭ كولا رېتسېپى سودا مەخپىيەتلىكى بولۇپ، مۇتلەق مەخپىي بولغاچقا، كۆپچىلىك كولانىڭ تەركىبىنى بىلمەيدۇ، بۇ ئىغۋانىڭ شەكىللىنىشىگە مۇھىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

ئىككىنچى سەۋەب : ئىلگىرى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئاياللار كولا بىلەن كۆپىيىش ئەزاسىنى يۇيۇش ئارقىلىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلانغان

بۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئاياللار كەشىپ قىلغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى بولۇپ، جىنسىي تۇرمۇشتىن كىيىن كولا بىلەن كۆپىيىش ئەزاسىنى يۇيۇدىكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ ئارقىلىق يۇشۇرنۇۋالغان ئىسپېرمىنى ئۆلتۈرگىلى بولىدىكەن.

يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىككى سەۋەب تۈپەيلى، نۇرغۇن كىشىلەر ئەڭ ئاخىرىدا «كولا ئىچسە ئىسپېرما ئۆلىدۇ» دېگەن يەكۈننى ھاسىل قىلغان.

ھەقىقىي ئەھۋال زادى قانداق؟

ئاۋۋال ئىسپېرما دېگەن نېمە شۇنى بىلىۋالايلى

ئىسپېرما ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىسى، بىلىشىمىز كېرەك، ئىسپېرمىنىڭ ياشاش مۇھىتى تېمپېراتۇرىغا ئالاھىدە سەزگۈر، ئالدى بىلەن مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا بولۇشى كېرەك، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدېنى ئۇرۇق ھاسىل بولىدىغان جاي، ئۇنىڭ تېمپېراتۇراسى ئادەتتە بەدەن تېمپېراتۇراسىدىن 1-2 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا ئۇرۇقداننىڭ قورساق بوشلۇقىنىڭ سىرتىغا جايلىشىشنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار (بۇنىڭغا باققاندا، ئاياللارنىڭ تۇخۇمدانى قورساق بوشلۇقىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان).

كولا بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق جىنسىي يولدىكى ئىسپېرمىنى ئۆلتۈرۈش بۇ مۇمكىن بولۇشى مۇمكىن، قانداقلا بولمىسۇن، كولا تەركىبىدە نۇرغۇن قەنت ۋە باشقا تەركىبلەر بار، ئۇ ھەقىقەتەن ئىسپېرمىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى يوقىتىدۇ. چەت ئەلدە بەزىلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئىسپېرمىنى كولا ئىچىگە قويغاندا راستتىنلا سانىنىڭ ئازلايدىغانلىقىنى بايقىغان. لېكىن  جىنسىي تۇرمۇشتىن كىيىن جىنسىي يولدىكى ئىسپېرمىنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، قىسمەن ئىسپېرما ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا كىرىدۇ، ئەگەر پاكىز يۇيۇۋېتىلمىسە، ئىسپىرمىلار يەنىلا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە كىرىپ، ھامىلىدارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا كولانىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلاش ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس. بەلكى، كولا تەركىبىدە قەنت ماددىسى جىنسىي يولدىكى مىكرو جانلىقلار مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جىنسىي يول ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئەگەر ئىسپېرما تۆۋەنرەك تېمپېراتۇراغا ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇنداقتا ئادەم ئاغزى بىلەن ئىچكەن مۇزدەك كولا ئۇنى ئۆلتۈرەلەمدۇ؟

بۇ كولانىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىش مەسىلىسىگە تاقىلىدۇ.

بىز ھەرگىزمۇ ئىسپېرمىنى كولانىڭ ئىچىدە ساقلىمايمىز، پەقەت كولانى ئۇسسۇزلۇق ئورنىدا ئىچىمىز خالاس. كولانى ئىچكەندىن كىيىن، ئۇنى بەدىنىمىزدىكى ھەزىم قىلىش سىستېمىسى قوبۇل قىلىدۇ، كولا ئەسلىدىنلا ئىسپېرما بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشمايدۇ، كولانىڭ ماددا ئالمىشىش جەريانىدىكى ھاسىلاتلىرى ئىسپېرما بىلەن ئۇچرىشالايدۇ.

دانىيەلىك دوختۇر جانسېن 2554 نەپەر ئەرنىڭ ئىسپېرما سۈپىتى ۋە كولا قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە زور مىقداردا قوبۇل قىلمىسىلا، كۈندىلىك نورمال كولا ئىچىشنىڭ ئىسپېرمىنىڭ سانى، ئاكتىپلىقى ۋە شەكلىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنداقتا بۇ «زور مىقدار» زادى قانچىلىك؟ تەجرىبىدە بايقىلىشىچە، ئىسپېرمىنىڭ سانى ۋە سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، نورمال ئەر كىشى ھەر كۈنى كېمىدە ئىككى چوڭ قۇتا كولا ئىچىشى، ھەم ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك ئىكەن. بۇ نورمال ئادەملەرگە نىسبەتەن مۇمكىن ئەمەس.

شۇڭا، مەيلى نەزەرىيە ياكى ئەمەلىيەتتە بولسۇن، «كولا ئىچسە ئىسپېرما ئۆلىدۇ» دېگەن قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر كولا ئىچكەنگە ئىسپېرما ئۆلۈپ قالسا، ئۇنداقتا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ نېمە كېرىكى؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • جەلىپكارقارقاش1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇرۇقنى ئۆلتەمەيدۇ سۆڭەكنى چىرتىدۇ كاربون كىسلاتا دىگەن شۇڭا دوسلا گازلىق ئىچىملىكنى ئامال با ئىچمىگەن 好

  • شاش بەگزادە2 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن بىر بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشنى دەپ بىرەي مەن بۇرۇن بىر مەزگىل ئابىدە سودا سۈيى ئىچىشكە خۇمار بولۇپ قالدىم، نەتىجىدە تەخمىنەن ئىككى يىل ئەتىراپىدا ئىچتىم ، كېينچە مېنىڭ ئىككى تال چىشىمنى قۇرت يەپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئاساسەن ئىچىملىك ئىچىشنى توختاتتىم لېكىن شۇ باشتا قۇرت يېگەن 2تال چىشىم چۈشۈپ كەتتى ھازىر مەن ئاساسەن قايناق سۇ ياكى سوغۇق سۇ ئىچىمەن

  • ئۆتكۈر كۆز2 ئاي ئىلگىرى

    نەدە مەخپىي رىتسىپ بولسۇن ئۇنىڭ قانداق ئىشلەپچقىرىلدىغانلىقنى ھازىر ھەممە ئادەم بىلدۇ

  • $ياسىنجان$2 ئاي ئىلگىرى

    ئىشقىلىپ ھەر قانداق گازلىق ۋە ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكنىڭ ئەر كىشىگە زىينى بار، ئاما بار ئاز ئىچكەن ياخشى، ئابىدە سودا سۈيىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، ئامال بار سوغۇق ئىچىملىك ئىچىشتىن ساقلانغا ياخشى، ئىچىشكە توغرا كەلسە مىنرال سۇ ئىچكەن ئەڭ ياخشى، بۇ ھەم ئئەرزان ھەم تەبئىي.

  • شاھىنشاھ2 ئاي ئىلگىرى

    ئىش قىپ قايناق سۇغا يەتمەيدۇ جۇما ھەرقانداق رەڭلىك رەڭسز ئىچملىك

  • andy00492 ئاي ئىلگىرى

    مەن كۈندە بىر قۇتا ئىچمەن پىپسى كولانى

  • ساقچى ئاكاش2 ئاي ئىلگىرى

    كولادا يۇيسا ئېچىشمامدا ئادەتتە ئادەم ئىچسىمۇ كۆيگەندەك بولدىغان تۇرسا ئېغىز

  • تۆرەم2 ئاي ئىلگىرى

    كۇلانىڭ ئىلانىكەنغۇ بۇ،كۇلانى بىرئاي ئۈزۈلدۈرۈمەي ئىچىپ تئاندىن ئىچىشتىن توختاپ باققاندا ،زىينى بامۇ يوق شۇ چاغدا بىلىسىلە.

  • 斯尔达西2 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچە سەمرىتىۋىتش، دىيابىتتىن باشقا خەتىرى يوق،

  • ئاتەش ماكان2 ئاي ئىلگىرى

    ئىشقىلىپ مەيلى كولا ياكى باشقا سوغۇق ئىچىملىك بولسۇن ئوغال بالىغا زىيانلىق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号