باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11652يوللانما
958مەستانە

باغچا ئەتراپىدا ياشايدىغان بالىلار تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇشى مۇمكىن

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-31 16:56 0 ئىنكاس چۈشتى

ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونادىكى دۇنيا سەھىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، باغچا ئەتراپىدا ياشاش بالىلارنىڭ دىققىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، دىققىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۇزارتىشقا پايدىلىق ئىكەن.

تەتقىقاتچىلار 2003-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرىدىن پايدىلىنىپ، 1500 بالىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان ۋاقتى، تۆت-بەش ياش ۋاقتى ھەمدە يەتتە ياش ۋاقتىدىكى تۇرغان جايىنىڭ 100 مېتىر، 300 مېتىر ۋە 500 مېتىر دائىرىسىكى يېشىللىق دەرىجىسىنى باھالاپ، تەتقىقات ئوبيېكتلىرىنىڭ دىققىتىنى ئىككى قېتىم سىنىغان. نەتىجىدە، باغچا ئەتراپىدا ياشىغان بالىلارنىڭ سىناقتا خاتالىقى ئاز كۆرۈلگەن، ئىنكاسى تېز، دىققىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى ساندىكى «مۇھىت ۋە ساغلاملىققا نەزەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «شەھەردىكى يېشىللىق ئىجتىمائىي ئالاقىنى ئاشۇرۇشقا، تەنتەربىيە پائالىيىتىنى كۈچەيتىشكە، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ۋە شاۋقۇندىن بۇلغىنىشنى ئازايتىشقا پايدىلىق، بۇ ئامىللار كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم». تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، يېشىل مۇھىت بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

http://uy.ts.cn/system/2017/10/31/035027069.shtml?lang=


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号