باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

ئالىي مەكتەپنى يېڭىلا پۈتتۈرگەن قىز توردا تونۇشقان يىگىتىگە ئالدىنىپ ئېغىر قەرزگە بوغۇلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-10-31 19:00 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 31-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالغان قەرزنى قايتۇرۇش ناھايىتى ئەقەللىي قائىدە. بىراق، ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن قىز شياۋۋاڭغا نسىبەتەن ئېيتقاندا 180 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك قەرزنى قايتۇرۇش ناھايىتى مۈشكۈل بىر ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە شياۋۋاڭ بۇ قەرزنى ئۆزى قايتۇرماسلىقى كېرەك دەپ قارايدۇ.

ۋېينەنلىك قىز شياۋۋاڭ ئادەتتە ئانچە كۆپ پۇل خەجلەپ كەتمەيدىغان بولۇپ، قەرز ئېلىشىنىڭمۇ ئانچە زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى.

بۇ قەرزلەرنىڭ ھەممىسى قەرز بېرىش سۇپىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەي xxكە يۆتكەپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولدى. ئەي xx شياۋۋاڭنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا توردا تونۇشقان يىگىتى ئىدى.

شياۋۋاڭ: «ئۇ يانفونىنى يۈتۈرۈپ قويغانلىقى، شۇڭا يانفون كارتىسى بېجىرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ كىملىكىمنى ئارىيەتكە ئېلىپ كەتتى، يەنە تېخى مېنى دوستلىرىم ئارقىلىق ئىزەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ يانفونۇمنىمۇ ئېلىپ كەتتى» دېدى. بىراق، ئۇ يىگىتىنىڭ بۇنداق قىلىشتا نېمە مەقسىتى بارلىقىدىن قىلچە خەۋەرسىز ئىدى. بۇ ئىش ئۇلار تونۇشۇپ ئەمدىلا بىر ئايدىن ئاشقاندا يۈز بەرگەنىدى.

6-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇ تور قەرزى بېرىش شىركىتىنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز بولغاچقا ئەي xxتىن سورىغاندا ئۇ بۇ پۇللارنى ئۆزى قەرز ئالغانلىقى، شياۋۋاڭنىڭ كارى بولماسلىقى، ئۇنىڭ بىر پۇڭنىمۇ قايتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

دەسلەپتە ئەي xx ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ قەرز قايتۇردى. بىراق، 9-ئاينىڭ بېشىدا تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى، شياۋۋاڭمۇ ئۇنى ھېچنەدىن تاپالمىدى. بىراق، قەرز تالونلىرى دۆۋىلىنىۋەردى.

شياۋۋاڭ تېخى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولۇپ، شىئەندىكى بىر شىركەتتە پىركازچىك بولۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مائاشى 2000 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. 180 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇش ئۇنىڭغا مۇمكىن بولمايدىغاندەك بىلىنىدۇ.

ئەي xxنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق كەنتنىڭ مۇدىرى يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭمۇ ئۇنى كۆرۈپ باقمىغانلىقى ھەم ئالاقىلىشالمىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن شياۋۋاڭ ئامالسىز ئەھۋالنى ج خ ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم سورىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号