باش بەت

tayks

1218يوللانما
11مەستانە

QQدىكى «دوستى»غا پۇل ئۇرۇپ بەرگەن ئايال 380 مىڭ يۈەن ئالداندى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-01 12:45 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا شەنياڭدىكى بىڭشيەن ناھىيەسىدە سودا قىلىدىغان لياڭ خانىم تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئۇچراپ، 380 مىڭ يۈەن پۇلى ئالداپ كېتىلدى، شۇ جايدىكى ج خ تارماقلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئالداپ كېتىلگەن پۇل ئاخىرى قايتۇرۇپ كېلىندى.

شۇ كۈنى بىڭشيەن ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىدا تۇرىدىغان لياڭ خانىم تۇيۇقسىز «دوستى»نىڭ QQ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدى.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لياڭ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، «دوستى» بىر سودىغا كاپالەت پۇلى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا 300 نەچچە مىڭ يۈەن ئۇرۇپ بېرىشنى ئېيتقان. لياڭ خانىممۇ ئادەتتە سودا قىلىدىغان بولغاچقا، مەبلەغنىڭ بىر قەدەر جىددىيلكىنى بىلگەچكە، ئارتۇقچە سۈرۈشتۈرمەيلا پۇلنى قارشى تەرەپكە ئۇرۇپ بەرگەن.

بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، لياڭ خانىم بۇ دوستى بىلەن يەنە QQدا پاراڭلاشقاندا، دوستىنىڭ QQ نومۇرىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى، ئۆزى پۇل ئۇرۇپ بەرگەن كىشىنىڭ ھەرگىزمۇ دوستى ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىپ، دەرھال ج خ ئىدارىسىغا دېلو مەلۇم قىلغان.

بىڭشيەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى رازۋېدكا چوڭ ئەترىتى 1-ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى سۈن چۈنئەن دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال دېلوغا چېتىشلىق QQ نومۇرىنى تەكشۈرگەن ۋە توڭلاتقان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئالدىنىپ ئۇرۇلغان پۇللارنىڭ ھەممىسىنى جىنايەت گۇماندارىنىڭ چىقىرىپ بولغانلىقىنى بايقىغان.

ساقچى تەرەپ جىنايەت گۇماندارىنىڭ پۇللارنى گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ فاڭچېڭگاڭ شەھىرىدە چىقارغانلىقى بايقىغان.

شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار دەرھال گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ فاڭچېڭگاڭ شەھىرىگە بېرىپ، شۇ يەردىكى بانكىنىڭ پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ نازارەت كامىراسىدا جىنايەت گۇماندارى لۇ شەننىڭ ھەقىقىي چىرايىنى كۆرگەن. جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنىڭ چىراي ئالاھىدىلىكىنى چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئېغىز-بۇرنىنى ئېتىۋېلىپ پۇل چىقارغان. يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، ساقچى تەرەپ جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلگەن ۋە بۇ جىنايەت شايكىسىنى بىراقلا تورغا چۈشۈرگەن.

ساقچىلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، فاڭچېڭگاڭ شەھىرىنىڭ فاڭچېڭ رايونىدا ئىككى پۇل چىقارغان جىنايەت گۇماندارىنى، پورت ئېغىزى رايونىدا ئىككى جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان، چيەنجۇ شەھىرىدە پۇل چىقارغان ئىككى جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ، ئالداپ كېتىلگەن 380 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى قايتۇرۇپ كەلگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号