باش بەت

گۈلنىسا

233يوللانما
16مەستانە

WiFiنى ئېتىۋەتمىگىنىڭلارغا رەھمەت

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-01 17:35 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىلگىرى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەچلىك تۇرمۇشى ئىنتايىن مەنىسىز ئىدى، ئەقلىيفون بارلىققا كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇن دېھقان ئىشلەمچىلەر يانفونغا تايىنىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان بولدى. لېكىن كۆپ قىسىم دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ياتىقىدا ھەقسىز WiFi بولمىغاچقا، دېھقانلار ئىشلەمچىلەر تەرەپ-تەرەپتىن ھەقسىز تور ئىزدەيتتى. ھەر كۈنى كەچتە بىر قىسىم دېھقان ئىشلەمچىلەر جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھەر ئەتراپىدىكى بىر بىنا سېتىش ئورنىنىڭ ئەتراپىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ باشقىلارنىڭ تورىنى ئىشلىتىپ، بىر قانچە سائەت ئويناپ قايتىپ كېتەتتى.

دېھقان ئىشلەمچىلەر سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىققاندا كەچلىرى ئىنتايىن يالغۇزسىرايدۇ. شۇڭا تېلېۋىزىيە تىياتىرى، كىنو قاتارلىق ئۇنىۋېرسال پىروگراممىلارنى كۆرۈش ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلىغا ئايلاندى. بۇ بىنا سېتىش ئورنى ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ WiFiنى تاقىمايدۇ. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ھەقسىز تورنى تاقىمىغانلىقىغا  رەھمەت ئېيتتى.

بەش-ئالتە دېھقان ئىشلەمچى بىنا سېتىش ئورنىنىڭ ئىشىك ئالدىغا توپلىشىپ ھەقسىز تور ئىشلىتىۋاتاتتى، يازدا بۇ يەرگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 20-30 كىشى توپلىشىدۇ. نۇرغۇن دېھقان ئىشلەمچىلەر ئۆزىنىڭ بۇ يەرنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئۇلار ھەر كۈنى دېگۈدەك مۇشۇ يەرگە كېلەتتى، كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئۇخلىغىچە بولغان ئىككى~ئۈچ سائەتنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزەتتى.

ئورۇندۇق بولمىغاچقا ئۇلار ئۆرە تۇرۇپ ياكى زوڭزىيىپ تۇراتتى، ئۇدا نەچچە سائەت تۇرغاندىن كېيىن پۇتلىرى ئۇيۇشۇپ كېتەتتى. لېكىن ھەممىسى يانفون ئوينىسا ۋاقىتنىڭ ئىنتايىن تېز ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دېھقان ئىشلەمچىلەر ئادەتتە يانفوندا كىنو كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلىرى شاھمات ئوينايدۇ، يەنە بەزىلىرى تور ئويۇنى ئوينايدۇ. يەنە بەزىلەر ھەر خىل بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەر خىل تور ئاتالغۇلىرىنىمۇ بىلىدۇ.

تور ئېقىمى پۇلى ۋە تېلېفون پۇلىنى تېجەش ئۈچۈن دېھقانلار ئىشلەمچىلەر ھەر كۈنى بۇ يەردە ھەقسىز توردا ئۆيىدىكىلىرى بىلەن سىندا كۆرۈشۈپ، ئاۋازلىق سۆزلىشىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号