باش بەت

ئەخمەتجان

3424يوللانما
62مەستانە

توردا تونۇشقان قىز بىلەن توي قىلماقچى بولغان ئەرنىڭ 35 مىڭ يۈەن پۇلى قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-02 17:06 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

يېقىندا، جياڭ ئەپەندىم جېجياڭ ئۆلكىسى كەيخۇا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىگە دېلو مەلۇم قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن لايىق ئىزدەش تورىدا بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدىم، بىراق ئىككىمىز يۈرگىلى ئەمدى 20 كۈن بولاي دېگەندە، قىز دوستۇم تۇيۇقسىز قازا قىلدى. يەنە كېلىپ، ئۇنىڭغا خەجلىگەن پۇلۇم <قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى>». 

ئەسلىدە، جياڭ ئەپەندىم 18-ئۆكتەبىر لايىق ئىزدەش تورىدا خۇنەنلىك قىز ۋاڭ خانقىز بىلەن تونۇشۇپ قالغانىكەن، ئىككىيلەن ئۈندىداردا بىر مەزگىل پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن جياڭ ئەپەندىم ئۆزىچىلا: «ئەمدى توينىڭ ئىشى ھەققىدە پاراڭلىشىدىغان چاغلار كەلگەن ئوخشايدۇ» دەپ ئارتۇق ئويلاپ قالغان. 

 

جياڭ ئەپەندىم سېتىۋالغان بېلەت.

21-ئۆكتەبىر، جياڭ ئەپەندىم ۋاڭ خانقىز بىلەن كەيخۇدا يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ توي ئىشىنى مەسلىھەتلەشمەكچى بولغان ھەمدە ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن 2 مىڭ يۈەن يول خىراجىتى ئاغدۇرۇپ بەرگەن، ۋاڭ خانقىز ئۇنىڭ تەلىپىگە خۇشاللىق بىلەن قوشۇلغان. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، ۋاڭ خانقىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قاتتىق قارشى تۇرغان ھەمدە: «جياڭ ئەپەندىم خۇنەننىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە بىزگە 5 مىڭ يۈەن بەرمىگۈچە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ خام خىيال قىلما» دېگەن. كېيىن يەنە زاكالەت پۇلى دېگەننى باھانە قىلىپ 19 مىڭ 800 يۈەن ئۈندۈرۈۋالغان، جياڭ ئەپەندى ۋاڭ خانقىز بىلەن بالدۇرراق كۆرۈشۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە پۇلنى ئاغدۇرۇپ بەرگەن. 

جياڭ ئەپەندىم بۇ گۈزەل چۈشنىڭ ھەممىسىنى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ دەپ ئويلاپ تۇرغاندا، بىر تېلېفون كېلىپلا ئۇنىڭ بارلىق ئارزۇسىنى بەربات قىلغان. ئۆزىنى ۋاڭ خانقىزنىڭ يەڭگىسى دەپ ئاتىۋالغان بىر ئايال جياڭ ئەپەندىمگە تېلېفون قىلىپ: «ۋاڭ خانقىز قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى، شۇڭا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ 5 مىڭ يۈەن دورا پۇلى بېرىپ تۇرغان بولسىڭىز» دېگەن. ۋاڭ خانقىز دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان مەزگىلدە، جياڭ ئەپەندىم كۆپ قېتىم خۇنەنگە بېرىپ ۋاڭ خانقىزنى كۆرۈپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق قىز تەرەپنىڭ ئۆيىدىكىلەر قايتا-قايتا رەت قىلغان. 29-ئۆكتەبىر ۋاڭ خانقىز ئۆت نەيچىسىدىكى تاشنى تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، جياڭ ئەپەندىمدىن 5 مىڭ يۈەن تەلەپ قىلغان، جياڭ ئەپەندىم ئارتۇق ئويلىمايلا كارتىسىدا قېلىپ قالغان 3 مىڭ يۈەننىڭ ھەممىسىنى ۋاڭ خانقىزنىڭ كارتىسىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن. 

ۋاڭ خانقىزنىڭ دوختۇرخانىدىكى سۈرىتى. 

30-ئۆكتەبىر سەھەردە، جياڭ ئەپەندىم قىز دوستى ۋاڭ خانقىزنىڭ كېسەل بىلەن قازا قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان، شۇنىڭ بىلەن ئالدىراپ-تېنەپ قىز دوستىنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشمەكچى بولغان، بىراق ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشەلمىگەن. دەل شۇ چاغدا جياڭ ئەپەندىم ئازراق ھوشىنى تاپقاندەك بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلگەن. كېيىن ساقچىغا مەلۇم قىلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • كۆزنەك5 ئاي ئىلگىرى

    بىچارە بايقۇش ،خوپ بوپتۇ ،

  • مەنزىل5 ئاي ئىلگىرى

    ھەرنىمە بولسا مەن جېق قۇيۇلماپتىمەن 10يىل بولدى ئەينى ۋاقتىدا قىزنىڭ ئانىسى ۋە دادىسى قىزنى ماڭا تۇنۇشتۇرۇپ قويغان مەن يېرىم ئايدەك ۋاقىتتا قىزبىلەن ئاددىي بولسىمۇ ئارلاشقان ئىدىم ئاتا ئانىسى ھەرخىل باھانە سەۋەب قىلىپ مەندىن نەچچە يۈز كوي ئالغان ھەتتا ئۈيىگە ئىشلىتىدىغان گۆسەي كۆكتات نىيۇ ئەپ بەرگەن ئىدىم كىين توي قىلىشقا پۈتۈپ قىزنىڭ ئاتىسى يۇرتى پەيزاۋاتقا بېرىپ تۇققانلىرىنى ئەپ كېلىدىغان بولۇپ يول كېراسى يەتمەيدىغانلىقىنى دەپ مەندىن نەچچە يۈز يۈەن ئالغان مەنمۇ ئىشتىكلا بەرگەن نەچچە كۈن ئۈتۈپلا خەقنىڭ قەرزى تۇتۇپ كىتىپ يېرىم كىچىدە ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۈيىدىن قېچىپ كىتىپتۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئىزدەپ بارمىدىم ئەمما قىزنى ياخشى كۈرۈپ قاپتىكەنمەن شۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىسى بولمىدى مەن قانۇنلۇق توي قىلىمەنغۇ دەپ ھامىنى مىنىڭ خوتۇنۇم بولىدۇ دەپ قەتئىي يامان نىيەتلىك قىلمىغان

  • leo messi 10号5 ئاي ئىلگىرى

    توۋا توۋا مەنمۇ مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققان لىكىن ئىشلارنىڭ جەريانى ئوخشىمايدىكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号