باش بەت

ئادىلجان

8601يوللانما
123مەستانە

دۇنيادا 2 مىليون ئادەم ئىسمىنى مارسقا چىقىرىشقا ئىلتىماس قىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-02 20:30 6 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 2-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2-نويابىر ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتناش ئىدارىسى (NASA) ئېلان قىلغان ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئىسىم فامىلىسىنى بۇ ئورۇنغا يوللاپ بەرگەن بولۇپ، 2018-يىلى ئىسمىنى مارسقا چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلغان. 

10-ئاينىڭ باشلىرىدا NASA ئىككىنچى قېتىملىق ئىسىم توپلاش پائالىيىتىنى قوزغاتقان بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلانىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئالاھىدە ياسالغان ئۆزەككە ئويۇلۇپ، «ئېنىق كۆزىتىش» ناملىق دېتېكتوردا مارسقا چىقىرىلىدۇ. ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى ئامېرىكا شەرقىي دېڭىز قىرغىقى ۋاقتى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە. 

11-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت نۆلدىن بۇرۇن پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 2.4 مىليون ئادەم ئىلتىماس سۇنغان. بۇنىڭ ئىچىدە 653 مىڭ ئادەم ئامېرىكىلىق، 260 مىڭ ئادەم جۇڭگولۇق. NASA جەمئىي 63 مىڭ 500 رۇسىيەلىكنىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلىگەن. ئېكۋاتور گۋىنېيەسىدىكى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئەڭ ئاز بولۇپ، پەقەت يەتتە ئادەم ئىسىم-فامىلىسىنى يوللىغان. كالفورنىيە ئىشتاتى پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئىلتىماس قىلغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ ئىشتات بولۇپ، 107 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تىزىملاتقان. 

«ئېنىق كۆزىتىش» ناملىق دېتېكتورغا بىر كىرىمنىيلىق مىكرو تىپلىق ئۆزەك ئورنىتىلغان، ۋاقتى كەلگەندە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى مۇشۇ ئۆزەكنىڭ ئۈستىگە ئويۇلىدۇ، دېتېكتور 2018-يىلى 5-ئايدا قويۇپ بېرىلىدۇ ھەمدە شۇ يىلى 11-ئايدا مارسقا قونىدۇ. 

دېتېكتورغا ئادەملەر ئىسمى ئويۇلغان ئىككى ئۆزەك ئورنىتىلىدۇ. بىرىنچىسى 2015-يىلى ياسىلىپ پۈتكەن، ئەينى يىلى 827 ئادەم NASAغا ئىسىم-فامىلىسىنى يوللىغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 钦艾尔5 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ چىقاي دىگەن
    بىر كىشىلىك ئۇرۇن قۇيۇپ قۇيۇڭلار جۇمۇ ؟

  • ئابلىز سەۋدا5 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ ئىسمىنى قايسى ئۇرۇنغا ئۇيۇپ قۇيا…

  • ♡ F o R L i F e ♡5 ئاي ئىلگىرى

    بىزما يوللايلى يوللىغىلى ۋوسا

  • زۈلمەت5 ئاي ئىلگىرى

    مارىسقا چىققانغا مارىستا نىمە با بولغىتىى،يەنىلا مۇشۇ يەر شارىغا يەتمەيدۇ،يەرشارىنىڭ بايلىقىنى مارىسقا توشۇپ يەرشارىنى ئۇپۇراتقۇچە يەر شارىنى قەدىرلىگەن ئەۋزەل

  • گىنرال5 ئاي ئىلگىرى

    قانداق يوللايدىغاندۇ ؟،مەنمۇ يوللاي دىگەن.

  • تۆمۈرتۇمشۇق5 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋۇلاغا دەپ قويۇڭ مىنىڭ ئىسمىنى ئۈستىگىراق يازسۇن مەن ئۆيدە تېلىسكوپ بىلەن قالاپتۇراي

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号