باش بەت

ئىدىقۇت887

7395يوللانما
16مەستانە

بالياتقۇدىكى ۋاقتىدىلا كەم كۆرۈلىدىغان راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان قىزچاق ئۇسسۇلچىغا ئايلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-03 15:40 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يۇقارقى سۈرەتتىكى 14 ياشلىق ئۇسسۇلچى قىزچاق پۈتۈن دۇنيا بويىچە پەقەت 200 لا ئادەمدە كۆرۈلگەن جانغا زامىن ئۆسمە (يەنە راك كېسىلى) بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئۆسمە ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى بېسىۋىلىپ تەن شەكلىنى غەلىتە شەكىلگە كىرگۈزۈپ قويغانىدى. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرىيا بۇمان (Bria Baumann) ئىسىملىك بۇ قىز ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتى لۇنبورتون شەھىرىدىن بولۇپ، ئۇ ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىلا CLOVES سىندرومى (يەنە يىغىندى كېسەللىكى) غا گىرىپتار بولغانىدى، بۇ تۇغما ماي ئۆسمىسى ھەددىدىن زىيادە ئۆسۈپ كېتىش، قان تومۇرلار غەلىتە ئۆزگىرىپ كېتىش ۋە ئۇستىخان غەلىتەلىشپ كېتىش، ئۇمۇرتقا ئېگىلىپ قېلىش شۇنداقلا يىلىك نورمالسىزلىشىش قاتارلىقلارنى ئاساسلىق ئالامەت قىلىدىغان يىغىندى كېسەللىك ئىدى، ئەينى چاغدا دوختۇرلار بۇ قىزغا «ئۆلۈم» ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، لېكىن بۇ قەيسەر قىز ھايات ياشاپلا قالماستىن بەلكى يەنە تىرىشىپ ئۇسسۇلچىغا ئايلانغانىدى.

بىرىيا بۇماننىڭ ئاپىسى سوفىيە ھامىلدار بولۇپ 18 ئايدىن كېيىنكى بىر قېتىملىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشتە، ھامىلىنىڭ بويۇن قىسمى ۋە كۆكرەك قسمىدا ئوشۇقچە گۆشلەرنىڭ بارلىقى بايقالغان بولۇپ، دوختۇرلار ئەينى چاغدا بۇ بالا تۇغۇلغان تەقدىردىمۇ ھايات قالالمايدۇ دەپ دىئاگنوز قويغانىدى. لېكىن سوفىيە قورساقتىكى ھامىلىنى ئۆلتۈرۈۋىتىش تەكلىپىنى رەت قىلغان، گەرچە ھازىر بىرىيانىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن  ئۇ ئۆز قىزغىنلىقى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئۇسسۇل ئارتىسىغا ئايلانغانىدى، گەرچە بىرىيانىڭ بىر تال قولىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ 90 گىرادۇسلۇق ھالەتتە تۇرىدىغان بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا ئۇسسۇل ئويناپ نومۇر كۆرسىتىشكە باشلىغانىدى. ئەينى چاغدا، بىرىيا ئەمدىلا تۇغۇلغاندا بەدىنىدە ئىككى قاداق ئېغىرلىقتىكى ئۆسمە گۆش ئېسىلىپ تۇرغان بولغاچقا، بەئەينى تۇتاش تەنلىك بوۋاققىلا ئوخشاپ قالغانىدى.

بىرىيا 20 كۈنلۈك بولغاندا تۇنجى قېتىم ئوپراتسىيە قىلىنىپ بەدىنىدىكى ئوشۇقچە ئۆسمە گۆش كېسىپ ئېلىۋىتىلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە 38 قېتىم ئوپراتسىيە قىلىنىپ ئۆلۈمدىن ساقلانغان. بۇ خىل شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن ئۆسمە كېسىلى بىرىيانىڭ سول تەرەپ ئۆپكە قانىتىنى كاردىن چىقارغان شۇنداقلا يەنە يۈرىكى ۋە سول بۆرىكىنى شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم پەي، بوغۇملارنى بېسىۋىلىشقا باشلىغان. بۇ خىل ئۆسمىدىكى ۋېنا قان تومۇرلىرى نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا 10 ھەسسە كۆپ بولۇپ،ئۆسمىدىكى بۇ ۋېنا قان تومۇرلىرىنىڭ  شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن شۇنداقلا ناھايىتى ئاسانلا يېرىلىپ كېتىدىغان بولغاچقا، بىرىيانىڭ ھەر قانداق چاغدا قانسىزلىنىپ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى. بىرىيانىڭ 44 ياشقا كىرگەن ئاپىسى سوفىيە خىزمىتىدىن ئېستىپا بەرگەن ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن:«ئەينى چاغدا ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈشىدە، قىزىمنىڭ كۆكسى ۋە بويۇن قىسمىدا نۇرغۇن ئوشۇقچە گۆشلەرنىڭ بارلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم».

بىرىيا 34 ھەپتىلىك بولۇپ تۇغۇلغان چاغدا، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 7 قاداق 5 ئۇنسىيە چىققان بولۇپ، لېكىن دوختۇرلار ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئۆسمىنىڭ 2.5 قاداق چىقىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانىدى. ئۇنىڭ سول بىلىكى ۋە كۆكرىكىدە ناھايىتى چوڭ ئۆسمە ساڭگىلاپ تۇرغان بولۇپ، بۇ ئۆسمە قارىماققا خۇددى ساڭگىلاپ تۇرغان يۈرەككىلا ئوخشاپ قالغانىدى. «ئەينى چاغدا قىزىمنىڭ بىلىكىدە شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن چوڭ ئۆسمە ئۆسۈپ قالغانىدى، لېكىن قىزىمنىڭ  ھازىرقى ھالىتىنى يېڭى تۇغۇلغان چاغدىكى ھالىتىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ چىرايلىقلىشىپ  كەتكەنىدى. ئەگەر ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئۆسمىنى كېسىپ ئېلىۋەتمىسە، پۇت-قولىنى كېسىپ ئېلىۋىتىشكە توغرا كېلەتتى».

«قىزىم تۇغۇلغاندىن كېيىن ئىزچىل ھالدا ئېغىر كېسەل ئازابى تارتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن ناھايىتى قەيسەر ئىدى، ئۇ ئاغرىق ئازابى دەستىدىن تولغىنىپ كەتسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن قىلچە ئاغرىنىپ باققان ئەمەس، ئۇ پەقەت تىرىشىپ كېسىلىنى داۋالىتىشنىلا ئويلايدۇ. لېكىن ھازىرقى مەسىلە شۇكى، ئۇ ئۆتكەن يىلى ئوپراتسىيە قىلىنمىغاچقا، سول قولى ئىششىپ كەتكەن بولۇپ، قول بارماقلىرى ۋە بىلەكلىرى 90 گىرادۇس ئۆزگىرىپ غەيرىيلىشىپ كەتكەنىدى. قىزىم ناھايىتى جىگەرلىك قەيسەر قىز، ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ كېسەل ئازابى ۋە ئاغرىقىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمايدۇ، ئۇ كېسەل ئازابى بىلەن ئىزچىل كۈرەش قىلىپ كەلگەن، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۇسسۇلى، خور ئۆمىكى ۋە باشقا ياخشى كۆرىدىغان ھەۋەسلىرى ئارقىلىق كېسەللىك بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە». بىرىيا تۇغۇلغاندىن كېيىن دوختۇرلار ئۇنى يۈرەك نازارەت قىلغۇچنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويغان ھەم ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە ياتقۇزۇپ داۋالىغان ھەم 20 كۈندىن كېيىن ئۇنى ئوپراتسىيە قىلىشقا تەييارلانغان. «ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئارتىس بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن، سىز ئۇنىڭ قويغان ئويۇنلىرىدىن ئۇنىڭدىكى گۈزەللىكنى كۆرۈۋالالايسىز». نۆۋەتتە كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىشقا باشلىغان بىرىيانىڭ پۇت-قولى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى ئۆسمە بېسىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ مېڭىش-تۇرۇشىمۇ تەسىرگە ئۇچراشقا باشلىغان. سوفىيە تۇل ئايال بولغاچقا، قىزىنىڭ داۋالاش چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالالمايدىغان بولغاچقا، ھازىر ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىرىيانى داۋاملىق داۋالىتىش ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، سوفىيە قىزىنىڭ ئوپراتسىيە ھەققىنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولغاچقا، بۇ ئىش بىرىيانىڭ كېسىلىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. سوفىيە مۇنداق دېگەن:«بىز ھازىر ناتونۇش كىشىلەرنىڭ قىلغان ياردىمىگە تايىنىپ بىرىيانى داۋاملىق ئوپراتسىيە قىلدۇرماقچى، ئەگەر ئۇنى داۋاملىق داۋالاتمىسام، ئۇنىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلاپ كېتىشى ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن».

بىز بۇ قەيسەر قىزغا سالامەتلىك تىلەيمىز!



باش سۈرەت تاللاش x
  • @umak@5 ئاي ئىلگىرى

    غەيرەتلىك بۇلۇڭ سىزدىن پەخىرلىنىۋاتىمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号