باش بەت

ئىدىقۇت887

7403يوللانما
16مەستانە

غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقتىن 3 يىلدىن بېرى تاماق يەپ باقمىغان قىز

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-03 16:30 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيىنىڭ ساسسەكىس (Sussex) شەھىرىدىكى يىلېنا گىرېن  (Ylena Green) ئىسىملىك 18 ياشلىق قىز پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ئېلاستىك تالالار ئۆسۈپ-يېتىلىش نورمالسىزلىقى (Ehlers-Danlos Syndrome) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇ ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان ئېرسىي كېسەللىك ئىدى، بۇ خىل كېسەللىك يىلېنانىڭ تۇتاشتۇرغۇچى توقۇلمىلىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنىڭ ئاشقازىنى ۋە ئۈچىيىنىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلالماسلىقىنى كەلتۈۈپ چىقارغان، شۇ سەۋەبتىن، يىلېنا ئۈچ يىلدىن بېرى بىر قېتىممۇ تاماق يەپ باقمىغان.

ھازىر يىلېنا ئوزۇقلۇقلۇقلارنى سۇيۇق ھالەتتە بەدەنگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. يىلېنا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن ياكى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەكچى بولغاندا، ئۇ پەقەتلا يالاش ئارقىلىق تېتىپ كۆرەلەيدىغان ياكى «يالغاندىن يېگەن» قىياپەتكە كىرىۋالالايتتى، مەسىلەن ئالايلۇق، ئاپىسى يىلېنا ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان كۈنجۈتلۈك تورت، قات-قات چۆپ، كاۋاك ئۈگرە ۋە پىشلاق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇپ بەرگەندە، ئۇ پەقەت ئاغزىغا ئازراقلا سېلىپ تەمىنى تېتىپ باققاندىن كېيىن دەرھال قەغەزگە تۈكۈرۈۋىتىدىغان بولۇپ، بۇ يېمەكلىكلەرنى ھەرگىز يۇتۇپ كېتەلمەيتتى.

يىلېنا 14 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ EDS كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىغا دىئاگنوز قويۇلغان بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىك ئۇنىڭ بوغۇملىرىنى ناھايىتى چۈرۈكلەشتۈرۈپ ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن، ئەينى چاغدا يىلېنا پەقەت بېشىنى مىدىرلاتسىلا بويۇن سۆڭىكى ئاجراپ كېتىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى. نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا بويىچە پەقەت ئىككىلا دوختۇر بۇ خىل كېسەلنى داۋالاپ ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى بارسىلونادا، يەنە بىرى ۋاشىنگىتوندا ئىدى. شۇڭلاشقا، يىلېنانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن 90 مىڭ فوند سىتېرلىڭ (يەنە تەخمىنەن 780 مىڭ يۈەنگە تەڭ) پۇل جۇغلاشقا باشلىغان.

يىلېنا كېسەل بولۇپ قېلىشتىن ئىلگىرى ناھايىتى جانلىق ھەم ھەركەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان قىز بولۇپ، ئۇ سۇ ئۈزۈشنى، بالېت ئۇسسۇلى ئويناشنى ۋە گىمناستىكا ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى. لېكىن ئۇ كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغاندىن بېرى، خۇددى تۈرمىگە كىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالغانىدى.

ھازىر يېلىنانىڭ ھالىدىن 24 سائەت خەۋەر ئېلىشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ناۋادا ئۇ دىققەتسىزلىكتىن بېشىنى تولغاپ قويسىلا، بوينى ئۈزۈلۈپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى بار ئىدى. ھازىر يىلېنا ھەر كۈنى بويۇن ئاسرىغۇچ تاقاپ يۈرۈيدىغان بولۇپ، دوختۇرلار ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئەگەر ئوپراتسىيە قىلىنمىسا كېسىلىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاپ كېتىدىغانلىقىنى شۇنداقلا پەقەت 1-2 يىللا ئۆمۈر كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ھازىر يىلېنانىڭ پۇت-قولى ئارىلاپ سېزىمىنى يوقىتىپ قويىدىغان بولۇپ، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشىغا توغرا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يىلېنانىڭ نېرىپلىرى چىدىغۇسىز ئاغرىيدىغان ھالغا يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئوپراتسىيە قىلىنىپ ساقىيىش ئېھتىماللىقى %80-%90 كە يېتىدىكەن. يىلېنانىڭ دادىسى قىزىنىڭ 2018-يىلى 2-ئايدىكى تۇغۇلغان كۈنى يېتىپ كېلىشتىن ئاۋۋال ئوپراتسىيىگە يېتەرلىك پۇل جۇغلاشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىلېناغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى بولۇپ قالغۇسى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号