باش بەت

چالىقۇش

1323يوللانما
488مەستانە

تورداشلىرىڭىز بىلەن يەنە قالايمىقان كۆرۈشۈشكە چىقامسىز؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-03 21:02 2 ئىنكاس چۈشتى

بۇ يىل 28 كە كىرگەن چىرايلىق قىز ئەلىسيا توي قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، لېكىن 15 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن قاباھەتلىك چۈش ھېسابلىنىدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بىر تور ئويۇنىغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆزى بىلەن تەڭ دەۋالغان بىر يىگىت بىلەن دوست بولۇپ قىزغىن پاراڭلىشىدۇ ھەمدە كۆرۈشۈشكە پۈتۈشىدۇ.

چىرايلىق ھەم ساددا قىز مانا مۇشۇنداق قىلىپ تورداشلار كۆرۈشۈش يولىغا قەدەم باسىدۇ.

ئۆزىنى قىز بىلەن تەڭتۇش دەۋالغان يىگىت ئەمەلىيەتتە 40 قا يېقىنلىشىپ قالغان ئوتتۇرا ياشلىق ئەر بولۇپ، ئەلىسىيا ئەر بىلەن كۆرۈشكەندىلا ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. لېكىن ئۇ ئەردىن قۇتۇلالمايدۇ.

ئەر شۇنچە ھەددىدىن ئېشىپ قىزنى ئۇرىدۇ ھەمدە باسقۇنچلىق قىلغان جەريانىنى سىنغا ئېلىپ تورغا يوللىۋىتىدۇ.

قىزنىڭ 4 كۈنى مانا مۇشۇنداق يەر ئاستى ئۆيىدە ئۆتىدۇ. قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر ساقچىغا مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولمايدۇ. ياخشى يېرى، قىزنىڭ تورداشلىرى قەبىھ ئەر يوللىغان سىننى كۆرگەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن قىزنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ.

بۇ ئىش قىزغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، پىسخىكىسىدا مەسىلە كۆرۈلۈپ گەپ قىلمايدىغان، بېكىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

قىز بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ كەيپىياتىنى تەڭشەپ، ئاستا-ئاستا قاباھەتلىك چۈشتىن مېڭىپ چىقىدۇ. جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن مەنىلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ، بالىلارغا ياردەم بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ساق-سالامەت چوڭ بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ھازىر ئۇ شۇ خىل پىسخىكىدىن پۈتۈنلەي مېڭىپ چىققان بولۇپ، ئۆزىمۇ، پىسخىكىسىمۇ ساغلام نازىنىنغا ئايلاندى. يېقىندا تېخى توي قىلماقچى، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ بەختلىك بولىشىنى تىلەيمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سودىگەر5 ئاي ئىلگىرى

    ئەجەپ چىرايلىق ئايال ئىكەن بۇ اەاۈىغۈىيدشۈنا

  • مەن كەلدىم5 ئاي ئىلگىرى

    ھايۋانكەنغۇ ئاۋۇ ئەر ،، 1000يىللىق قاماق جازاسى بەرسە بولىدىكەن ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号