باش بەت

ئىدىقۇت887

7403يوللانما
16مەستانە

غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار ئايال 12 يىلدىن بېرى كۈنىگە 50 تال دورا يەپ كەلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-05 21:15 0 ئىنكاس چۈشتى


تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن لىز لەمب (Liz Lamb) ئىسىملىك ئايالنىڭ لىيم كېسىلى (Lyme disease) گە گىرىپتار بولغىنىغا 12 يىل بولغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ كېسىلى ناھايىتى ئېغىرلىشىپ كېتىپ ھەتتا ئۆزى يۇيۇنالمايدىغان، چىشمۇ چوتكىلىيالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى، شۇ سەۋەبتىن 2 يىل بۇرۇن لايىھىلىگۈچىلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

ئىزاھات: لىيم كېسىلى (Lyme disease) سالجا ئارقىلىق تارقىلىدىغان بۇرما شەكىللىكلەر يۇقۇملۇق كېسىلى بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئادەتتە بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئەڭ روشەن كىلىنكىلىق ئالامىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلاردىكى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئالامىتى ئادەتتە مېڭە پەردە ياللۇغى، مېڭە ياللۇغى، نېرۋا ياللۇغى، ھەرىكەت ۋە سەزگۈ نېرىپلىرى ياللۇغى قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.

لىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (يەنە تەخمىنەن 660 مىڭ يۈەنگە تەڭ) پۇل سەرپ قىلغان بولۇپ، لېكىن ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامىتىدە قىلچە ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەن، ھازىر لىز 60 ياشقا كىرگەن ئاپىسى ماندىي (Mandy) بىلەن بىللە مالايسىياغا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، لىز پات ئارىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئوپېراتسىيەدىن ناھايىتى قورقۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيەنى لىزنىڭ بۇ قورقۇنۇچلۇق كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد دەپ قارىغان، لىزنىڭ ئۆزىمۇ بۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ساقىيىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى.

لېكىن مالايسىياغا بېرىش لىز ئۈچۈن ناھايىتى قىيىن سىناق بولۇپ، چۈنكى لىزنىڭ پۈتكۈل سەپەر جەريانىدا ئوكسېگىنلىق نەپەسلىنىپ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشىغا توغرا كېلەتتى. لىز 17 ياشقا كىرگەن يىلى مەكتەپ دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرۈپ EB كېسىلى (يەنە يۇقۇملۇق يەككە يادرولۇق ھۈجەيرىلەر كۆپىيىش كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە ئاستا خاراكتېرلىك چارچاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغانىدى. لېكىن ئۇنىڭ كېسىلى ئىزچىل ھالدا ساقايمىغان بولۇپ، تاكى 2013-يىلىغا كەلگەندە، لىزنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئۇنىڭ لىيم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئۇققانىدى.

لىز ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇقمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ تايلاندتىكى دېڭىز ساھىلىدا دەم ئېلىۋاتقاندا بىر تال سالجا ياكى پاشىنىڭ چېقىۋېلىشى سەۋەبلىك بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى دوختۇرلارنىڭ ئاۋستىرالىيەدە ئەزەلدىن لىيم كېسىلى كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گەرچە لىز ئانتىبىئوتىك دورىلار ئارقىلىق داۋالىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كېسىلىدە ئىزچىل ھالدا ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەن، ئۇنىڭدىكى لىيم كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ يەنە يۇقۇملۇق زۇكام ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، لىز ھەر كۈنى 50 تال دورا يەپ بۇ قورقۇنچلۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانىدى.

لىزنىڭ ئاپىسى قىزى ئۈچۈن ھەتتا خىزمىتىدىنمۇ ۋاز كەچكەن بولۇپ، ئۇ قىزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشاش نورمال تۇرمۇشقا ئېرىشىشىنى شۇنداقلا ھەقىقىي سۆيگۈگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مالايسىياغا بېرىپ داۋالىنىپ ساقايغانلىقى ئۈچۈن، لىز ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيە ناھايىتى مۇھىم ئىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号