باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

بىر ئەرنىڭ توردا تونۇشقان «قىز دوستى» 390 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالدىۋەتتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-05 20:38 0 ئىنكاس چۈشتى

cnbeta تورى 5-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

خۇنەن ئۆلكىسى شياڭتەن ناھىيەسىدە تۇرىدىغان شياۋ xx «شېن روشى» بىلەن توردا بىر يىل يۈردى ھەم بۇ جەرياندا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن يۆتكەپ بەرگەن پۇلى 390 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى، بىراق، «شېن روشى» كۆرۈشۈشنى ئىزچىل رەت قىلغانلىقتىن شياۋ ساقچىغا مەلۇم قىلدى. ساقچىلار «شېن روشى»نى تۇتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. 11-ئاينىڭ 4-كۈنى شياڭتەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۈخۇ تارماق ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئىسمىنى «شېن روشى»غا ئۆزگەرتىۋالغان ئادەم تور ئويۇنىغا قاتتىق قىزىقىپ كەتكەن يى فامىلىلىك ئۆيبەند ئەر بولۇپ، شياۋ xxنى تور ئويۇنى ئويناشقا ئىشلىتىلىدىغان پۇل تېپىش ئۈچۈن ئالدىغان، ئۇنىڭغا نۇرغۇن سۈرەت ئەۋەتىپ بېرىپ مەلۇم بىر شىركەتتە ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

نۆۋەتتە، يى xx ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ.

2016-يىلى 8-ئايدا شياۋ xx لايىق تونۇشتۇرۇش تور بېكىتى ئارقىلىق ئۆزىنى «شېن روشى» دەۋالغان تورداش بىلەن تونۇشتى. ئىككى تەرەپنىڭ نۇرغۇن جەھەتلەردە قىزىقىشى بولغاچقا ئۈندىدارلىرىنى قوشۇشۇپ پات-پات پاراڭلىشىپ تۇردى؛ بىر مەزگىلدىن كېيىن رەسمىي ئاشىق-مەشۇققا ئايلاندى. بۇ جەرياندا «شېن روشى» شياۋ xxقا ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە پارچە سۈرەت يوللاپ بەردى.

ئۇزۇن ئۆتمەي «شېن روشى» ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن، مەسىلەن، چەتئەلگە چىقىپ خىزمەت قىلىش، مەبلەغ سېلىش، ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىش دېگەندەك سەۋەبلەر شياۋ xxتىن پۇل ئالدى. شياۋ xx ئۇنىڭ خاپا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىنى ئورۇنلىدى.

ئىككەيلەن تونۇشقان بىر يىل جەريانىدا شياۋ xx «شېن روشى»غا قىزىل بولاق شەكلىدە يۆتكەپ بەرگەن پۇلنىڭ سوممىسى 390 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى. بۇ ئارىلىقتا شياۋ xx ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. بىراق، رەت قىلىنىۋەردى. شۇنىڭ بىلەن شياۋ xx ئالدانغاندەك ھېس قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلدى. ساقچىلار مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن «بۇنىڭ بىر تېلېگراف ئالدامچىلىقى» ئىكەنلىكىنى بايقىدى. يۈخۇ ج خ تارماق ئىدارىسى تور بىخەتەرلىكى چوڭ ئەترىتى ساقچىلىرى «شېن روشى»نىڭ ئۈندىدار نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى. 10 نەچچە كۈنلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى ئۇنى فۇجۇ شەھىرى ساڭشەن رايونىدىن قولغا چۈشۈردى.

يى xx تور ئويۇنىغا بېرىلىپ كەتكەنلىكتىن ئويۇن چىقىمىنى غەملەش ئۈچۈن بۇرۇن ئىشلىگەن شىركىتىدىن بىر ئايالنىڭ نۇرغۇن تۇرمۇش سۈرەتلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن. ئارقىدىن، ياش ئايال قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ لايىق تونۇشتۇرۇش تور بېكىتىدە شياۋ xxنى ئالدىغانىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号