باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10264يوللانما
1599مەستانە

ئامازون «ھۆكۈمران ئۈزۈك»نىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلەشنى پىلانلاۋاتىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-05 21:47 0 ئىنكاس چۈشتى

cnBeta  تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تولكېننىڭ ئەسلى ئەسىرى سۈرەتكە ئېلىنغان «ھۆكۈمران ئۈزۈك» ناملىق كىنونىڭ 3 بۆلۈمى كىنو تارىخىدىكى كىلاسسىك ئەسەرگە ئايلىنىپ، جېئورجى R.R مارتىننىڭ «مۇز ۋە ئوت ناخشىسى»نىڭ ئەسلىدىكى HBO داستان فانتازىيەلىك ئامېرىكا تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ھوقۇق ئويۇنى»غا ئوخشاشلا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى. چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامازون شىركىتى «ھوقۇق ئويۇنى»غا ئوخشاش «ھۆكۈمران ئۈزۈك» تېمىسىنى داستان ئامېرىكا تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلاۋېتىپتۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئامازون خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى خادىملار ۋارنېر كىنوچىلىقى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى باشلىغان بولۇپ، «ھۆكۈمران ئۈزۈك» كىنو-تېلېۋىزىيە ئۆزگەرتىلگەن تېمسىىنى سېتىۋېلىشنى ھەمدە Prim كىنو-تېلېۋىزىيە ئامبىرى مەزمۇنىغا كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلغان.

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ تۈرلۈك ئىشلار ئاللىبۇرۇنلا ئامازوننىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم دەرىجىلىك ئىشلىرى بولۇپ، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېف بېرزوس ئۆزى بېرىپ سۆھبەتلەشكەن. بىراق چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتىكى سۆھبەت ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلدە بولۇپ، تەپسىلاتنى ئېنىقلاشقا ئىمكان بولمىغان. ئامازون ئىستۇدىيەسى خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ ئامازون سىستېمىسىدىكى ئورنى  يىلدىن-يىلغا ئېشىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى خەۋەردە بېرزوس نۇرغۇن قېتىم خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ ئىجادىيەت تەرىپى خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئۆزى باش بولۇپ، ئۆمەكنىڭ ۋەزىپىسىگە قاتناشقان ھەمدە HBOنىڭ بازارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىغا ئوخشاش پۈتكۈل دۇنيانى تىتىرىدىغان تېلېۋېزىيە تىياتىرى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان. ئالدىنقى ئايدا، ئامازون خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارى روي پىرس جىنسىي سەتچىلىك سەۋەبلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەندە، بىرزوس يېڭى قاتلام رەھبەرلىرىنى سايلاش ۋە قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号