باش بەت

نىجات

262يوللانما
29مەستانە

گۇاڭشىلىق قىزنىڭ توردا تونۇشقان «لايىقى» 350 مىڭ يۈەن پۇلنى ئالداپ كەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-06 23:33 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭشىن تورى، چېنجۇ، 2-نويابىر خەۋىرى. يېقىندا گۇاڭشى چېنجۇ شەھىرى، لىڭشەن ناھىيەسىدىكى بىر قىز، بىر ئەر بىلەن توردا مۇھەببەتلەشكەن. ئاخىرىدا بۇ ئەر قىزنىڭ 350 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىپ كەتكەن. قىزنىڭ ئەڭ ئازابلىنىدىغىنى بولسا، ئۇنىڭ توردا تونۇشقان بۇ لايىقى،  ئاللىقاچان توي قىلىپ بولغان ئەر ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ ئەر گۇاڭشى چېنجۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۇتۇپ تۇرۇلۋاتىدۇ.

سۈرەتتە: قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارى.

 چېنجۇ ساقچى تەرەپنىڭ 2-نويابىر چۈشەندۈرۈشىچە، 12-ئۆكتەبىر، ئالدىنىپ قالغان لى فامىلىلىك قىز لىڭشەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، لىڭچېڭ ساقچىخانىسىغا دېلو مەلۇم قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىنىپ قېلىش جەريانىنى ساقچىلارغا ئېيتىپ بەرگەن.

2015-يىلى 2-ئايدا، ئىزچىل بويتاق تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان لى فامىلىلىك قىزچاق QQ ئارقىلىق خې فامىلىلىك ئەر بىلەن تونۇشۇپ قالغان. كېيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە ئىككىيلەن QQ ئارقىلىق پاراڭلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۈندىدار نومۇرلىرى ۋە تېلېفون نومۇرلىرى قاتارلىق ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇشقان. خې فامىلىلىك ئەر ئۆزىنىڭ «شېرىن-شېكەر» گەپلىرى ئارقىلىق، لى فامىلىلىك قىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالغان. ئىككەيلەن تېزلا مۇھەببەت قاينىمىغا شۇڭغىغان.

2015-يىلى 9-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، خې فامىلىلىك ئەر، لى فامىلىلىك قىزدىن 7000 يۈەن قەرز ئالغان. ئۇ تېزلا بۇ قەرزنى قايتۇرىۋەتكەن.

خې فامىلىلىك ئەر شۇنداق قىلىپ لى فامىلىلىك قىزچاقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن خې فامىلىلىك ئەر «ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قاتناش ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى»، «دەرەخكە چىقىمەن دەپ يىقىلىپ كەتكەنلىكى»، «تۇغقىنىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى»، «سودا قىلىمەن دەپ زىيان تارتقانلىقى»نى باھانە قىلىپ، لى فامىلىلىك قىزدىن ئارقا-ئارقىدىن پۇل قەرز ئالغان ۋە مائاشنى ئالغاندا قايتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان.

لى فامىلىلىك قىز، خې فامىلىلىك ئەرنى «بەرىبىر ئۆزۈمنىڭ يىگىتىغۇ»، «قوينۇمدىن تۆكۈلسە قونجۇمغا» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا سېخىيلىق بىلەن پۇل قەرز بەرگەن. قەرىز بېرىشكە پۇل يوق ۋاقىتلاردا، ھەر خىل قەرز ئېلىش سۇپىلىرىدىن پۇل قەرز ئېلىپ بەرگەن. ئىككەيلەن تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەن ئىككى يىل جەريانىدا، خې فامىلىلىك ئەر، لى فامىلىلىك قىزدىن ئالدى كەينى بولۇپ 350 مىڭ يۈەن قەرز ئالغان.

تاكى 2017-يىلى 10-ئايغىچە، خې فامىلىلىك ئەر لى فامىلىلىك قىزچاقنىڭ پۇلىنى قايتۇرمىغان. ئىككەيلەن شۇ سەۋەبتىن قاتتىق ئۇرۇشۇپ كەتكەن. لى فامىلىلىك قىز خې فامىلىلىكتىن، بۇ جەرياندا ئۇنىڭدىن قەرز ئالغان پۇللارنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، خې فامىلىلىك ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، قەرز قايتۇرۇشنى ئارقىغا تارتقان. ئاخىرىدا خې فامىلىلىك ئەر، لى فامىلىلىك قىزنىڭ ئالاقىلىش نومۇرى ۋە ئۈندىدار نومۇرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋەتكەن. خې فامىلىلىك بىلەن ئالاقىلىشالمىغان قىز ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، خې فامىلىلىك ئەرنىڭ ئۈستىدىن ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلغان.

دېلو مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان خەلق ساقچىلىرى دەرھال تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان. 19-ئۆكتەبىر خەلق ساقچىلىرى شۇ جايدىن، ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل ئۈندۈرۈۋالغان خې فامىلىلىكنى تۇتقان.

سوراق جەريانىدا خې فامىلىلىك ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاللىقاچان توي قىلىپ بولغان ئىكەن. ئۇ ئىزچىل ئۆزىنى «توي قىلمىغان يىگىت» دەپ لى فامىلىلىكنى ئالدىغان، ئۇنىڭ نۇرغۇن پۇلنى قاقتى-سوقتى قىلغان. ئۇ قاقتى-سوقتى قىلغان پۇللارنىڭ ھەممىسىنى قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۋەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号