باش بەت

زۆھەل

155يوللانما
14مەستانە

خۇاۋېي P11 يانفونىنىڭ رەسمىي لايىھەسى ئاشكارىلاندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-08 12:44 18 ئىنكاس چۈشتى

شىياۋپاۋ تېخنىكىسى 7-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

خۇاۋېينىڭ بارغانسىرى قەد كۆتۈرىۋاتقانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. بۇ يىل يازدىلا مال سېتىپ چىقىرىش مىقدارى ئالمىدىن ئېشىپ دۇنيا بويىچە 2-چوڭ يانفون سېتىپ چىقىرىش كارخانىسى بولۇپ قالدى. ئۇنى يەنە دۆلىتىمىز ئىچىدىكى يانفون ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئۈلگىسى دېسەكمۇ بولىدۇ. لېكىن، خۇاۋېي mate 10 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خېرىدارلار ئازراق نارازى بولغان، چۈنكى بۇ يانفوننىڭ سىرتقى لاھىيەسى كۆپچىلىكنىڭ كۈتكىنىدىن خېلىلا يىراقتا قالغان ئىدى. ئەمما خۇاۋېي ئەسلا چارىسىز قالغىنى يوق. بۇ مەسئۇلىيەت ئۇنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى P11نىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى.

نۆۋەتتە ئەنگىلىيەدىكى مەلۇم تاراتقۇنىڭ ئاشكارلىشىچە، خۇاۋېي كىلەر يىلى 3-ئايدىكى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بايراقدار مەھسۇلاتى P11نى بازارغا سالىدىغان بولۇپ، P11نىڭ سىرتقى لاھىيەسى كىشىنى mate 10دىنمۇ بەكرەك ئۆزىگە تارتىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، خۇاۋېي P11غا چىلىن 970 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن، 6G+128G لىق سەپلىمە ۋە EMUI8.0 سىستېمىسى قاچىلانغان. يانفون باھالاش سۇپىلىرىدا ئېرىشكەن نومىرى 200 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئەڭ قالتىس مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ A11 غا ئىنتايىن يېقىنلاشقان.

سىرىتقى سەپلىمىسى جەھەتتە، P11 غا 5.5 دىيۇملۇق پۈتۈن ئېكران لاھىيەسى قوللىنىلغان، ئېكران ئىگىلەش نىسبىتى %95 كە يەتكەن. ئېكران رېڭىگە ئالاھىدە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا كۆرسۈتۈش سېزىمىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. سۈرەتكە تارتىش جەھەتتە P11 غا 20 مىليون + 16 مىليون پىكسېللىق ئۈچىنچى ئەۋلاد لېيكا قوش كامېراسى سەپلەنگەن بولۇپ، mate10 نىڭ سۈرەتكە تارتىش ئۈنۈمىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇندىن سىرت خۇاۋېي ئەلالاشتۇرۇلغان AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزىكىنىمۇ سەپلىگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشتە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن.

نۆۋەتتە P11نىڭ بېكىتىلگەن باھاسى 4000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئىقتىدارىغا نىسبەتەن بۇ باھا تولىمۇ مۇۋاپىق ھېسابلىنىدۇ. كۆپچىلىك سىلەرچە بۇ P11 يانفونى قانداقراق ئىكەن؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • 布拉克X1 ئاي ئىلگىرى

    چىلىن 970سۈنئى ئىدراكلىق ئۈزەك ياخشى، بۇنى تەتقىق قىپلا بازاغا سالمايدۇ، كۈزۈتىپ سىناپ مۇۋاپىقيەتلىك بولغاندا ئاندىن ئېلان قىلىندۇ،

  • بەخىت سەپىرى2 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى ھەي بۇ خۇاۋىي مەندە خۇۋاۋىي 8816 دىن بىرى بار ئۇ نەۋاقتىكى تىلفۇن ئۇ ھىي ئىشلەتكەنلە بىلدۇدە يىنىلا بەك ياخشى ئىشلەيدۇ ھازىرمۇ تۇكىمۇ يىتىپ قۇيىدۇ

  • 丨 丨2 ئاي ئىلگىرى

    بۇيانفۇننىڭ تولۇق ئۇچۇرلىرى قاچان يوللىنار
    ئالما ئالاي دەپ نىيەت قىلغانىدىم قارسام بۇ تىلفۇنمۇ بولغۇدەك

  • 丨 丨2 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن بولغۇدەك
    لىكىن چىلىن بىرتەرەپ قىلغۇچىسى كۇۋالكۇمنىڭ 835 بىر تەرەپ قىلغۇچىسىدەك ئىشلەپ بىرەلەرمۇ ،

  • ئېسىل09982 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ لىكىن ئىكىرانى 5.5دىيۇمدىن چوڭمۇ نىمە يا بۇ پەرەزمۇ

  • بارسىلونا ئاتۇش2 ئاي ئىلگىرى

    بەك سىپتا ياسىلىپتۇ قايىل بولدۇم

  • ھەۋەسكار 55952 ئاي ئىلگىرى

    ئىكرانى 5.5پۈتۈن ئىكران داۋاتسا قانداق يۇغان بۇلدۇ، ئادەتتىكى 5.2تىلفۇن چىلىكلا كىلدۇ

  • ئابلاجان@2 ئاي ئىلگىرى

    خۇاۋېيغۇ ياخشى تىلفون لىكىن بۇ بەك يوغانمۇ نىمە ،سەل كىچىگرەك قىلسا بوپتىكەن ئەسلى ، بۇ مىنىڭ شەخسىي قارىشىم ،مىنى زاڭلىق قىلماڭلاھە

  • قالا2 ئاي ئىلگىرى

    دەپ قۇيىڭلا 6سۇڭلۇق ئىشلەپ چىقاسۇن ،مەن چۇقۇم ئالىمەن

  • uyyu122 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ تىلفۇنۇم نىڭ ئچكى ساقلىغۇچى مۇ 6G ساقلاش بوشلۇقى 64Gمىنىڭ كىدىن بەكمۇ پەرقلەنمەي دىكەن پەقەتلا پۇتۇن ئىكران ئكەن بۇنىڭدىنمۇيۇقرى تىخنكىلارنى قوللانسا بولاتتى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号