باش بەت

ئىدىقۇت887

7103يوللانما
14مەستانە

«قاپ يۈرەك» ئوغرى 4 مىليون 300 مىڭ يۈەنلىك مىس ھەيكەلنى ئوغرىلاپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-09 12:46 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى»نىڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بىر قاپ يۈرەك ئوغرى پارىژدىكى شامپىس-ئېللىيسىس كوچىسى (Avenue des Champs - Elysées) غا جايلاشقان Bartoux art gallery رەسىم سالونىدىن قىممىتى تەخمىنەن 500 مىڭ فوندسىتېرلىڭ (يەنە تەخمىنەن 4 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە تەڭ) غا يېتىدىغان بىر دانە مىس ھەيكەلنى ئوغرىلاپ كەتكەن بولۇپ، بۇ مىس ھەيكەلنى كولۇمبىيەلىك داڭلىق ھەيكەلتىراش، رەسسام فېرناندو بوتېرو (Fernando Botero) ياسىغانىدى.

بۇ ئوغرى نېمىشقا «قاپ يۈرەك» ئوغرى دېيىلىدۇ؟ چۈنكى بۇ ئوغرى ئوغرىلىق قىلغان جاي پۈتۈن پارىژ بويىچە قاتمۇ-قات قوغدىلىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ رەسىم سالونى فىرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە قوشنا كېلەتتى.

ئەينى چاغدا نەق مەيداندىكى ساقچىغا مەلۇم قىلىش قۇرۇلمىسىدا ئاۋاز چىقمىغانلىقتىن رەسىم سالونىنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرى بۇ مىس ھەيكەلنىڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكىنى بايقىمىغانىدى، ئالاقىدار خادىملار نەق مەيداندىكى كۆزىتىش كامىراسىدا تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تەكشۈرگەندىلا ئاندىن بۇ ئوغرىنىڭ مىس ھەيكەلنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى بايقالغان. سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ساقال-بۇرۇت قويۇۋالغان بىر ئوغرى ئېغىرلىقى 22 قاداق (يەنە تەخمىنەن 20 جىڭغا تەڭ) كېلىدىغان مىس ھەيكەلنى سىلاپ تۆت ئەتراپقا قارىۋەتكەندىن كېيىن مىس ھەيكەلنى ئېلىپ قولتۇقىغا قىستۇرغان ھالدا بەخىرامان سارايدىن چىقىپ كەتكەنىدى.

ئالاقىدار زاتلارنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئوغرىلاپ كېتىلگەن بۇ مىس ھەيكەلنىڭ قىممىتى 500 مىڭ فوندستېرلىڭغا يەتسىمۇ، لېكىن ئوغرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ مىس ھەيكەلنى باشقىلارغا سېتىۋېتىشتە ئوخشاشلا زور قىيىنچىلىق ۋە خېيىم-خەتەرگە دۇچ كېلىدىكەن.

بۇ قېتىم ئوغرىلاپ كېتىلگەن مىس ھەيكەل بىر ئانىنىڭ بوۋىقىنى قۇچاقلاپ تۇرغان ھالىتى تەسۋىرلەنگەن ھەيكەل بولۇپ، بۇ يۈرۈشتىكى مىس ھەيكەللەر ئىچىدە يەنە 7 ھامىلدار ئايالنىڭ سىياقى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەر بار ئىكەن. نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ بۇ دېلونى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرمەكتە.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号