باش بەت

دىل بايان

1108يوللانما
133مەستانە

بەزىلەر پۇل ئۈچۈن قەدىر-قىممىتىدىن ۋاز كەچتى، بەزىلەر...

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-09 20:08 1 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بۇ بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر تۇرمۇشنىڭ ئىجتىمائىي رىئال كارتىنىسى، ئىچىدىكى بىرى چوقۇم سىزنىڭ يۈرىكىڭىزنى تىتىرتىدۇ. 68 ياشلىق ھەركىتى قولايسىز بوۋاي قولىدىكى دورا سېتىۋېلىپ ئېشىپ قالغان نەچچە موچەن پۇلغا كەمپۈت سېتىۋېلىپ 88 ياشلىق ئانىسىنىڭ يىيىشى ئۈچۈن بېرىۋاتىدۇ. ئۇلارغا نىسبەت تۇرمۇشى نامرات بولسىمۇ، بىراق بوۋاينىڭ شۇ كىچىككىنە ۋاپادارلىقى بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى قوزغايدۇ.

شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھىرىدىكى بىر كەنت، ئىككى پېشقەدەم قىشنىڭ ئىللىق ئاپتىپى ئاستىدا تۈگمەن تېشى ئىتتىرىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ھالىتىدىن، ئۆتمۈشتىكى بىللە ئۆتكۈزگەن سانسىز كۈنلىرى ئىچىدىكى قار-بورانلاردىن قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە بېسىپ ئۆتكەن ھاياتلىق يولى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. مۇھەببەت، ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاددىيلىق ۋە خاتىرجەملىك.

ئاپتوموبىللار كېلىپ-كېتىپ تۇرغان قايناق شەھەردە، ئىككى پۇتى كېسىۋېتىلگەن بىر ئەر ئوخشاشلا ئاستىنقى بەدىنى كاردىن چىققان ئايالى ئولتۇرغان ھارۋىنى ئىتتىرىپ كوچا ئارىلاپ ناخشاش ئېيتىپ كېتىۋاتىدۇ. قانچىلىغان بىر جۈپلەر بىر ئېغىز سۆز سەۋەبلىك ئايرىلىپ كېتىدۇ، تۇرمۇش ھەرقانچە جاپا بولسىمۇ، بىراق ئۇلارغا نىسبەتەن بەختلىك دەملەر يەنىلا كۆپ. يېنىڭىزدىكىنى قەدىرلەڭ، ئۇ ھەممە نەرسىدىن مۇھىم.

ئوخشاشلا يەنە بىر قايناق شەھەر، ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇنىڭ پۇت-قولى ساق. بىردانە بوۋاقلار ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ، بىچارە ھالىتى بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتىدۇ. بەزىدە قولىدىكى ھاراق بوتۇلكىسىنى كۆتۈرۈپ ئىككى ئوتلىۋىلىپ «خىزمىتى»نى داۋاملاشتۇرىدۇ. قەدىر-قىممەت، ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاللىبۇرۇن تۇرمۇش كەچۈرۈش دەسمايىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن.

ئوخشاشلا يەنە بىر ياشانغان كىشى، 80 ياشتىن ئاشقان ھاراقكەش. ھەركۈنى ئۇ سېرىق تاماكا سېتىپ تاپقان ئون نەچچە يۈەن پۇلغا ھاراق ئېلىپ ئىچىدۇ. ئۇ پەقەت ھەرىكەت قىلالىسىلا ھاراقتىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھاراقلا ئۇنىڭ توختىماي پۇل تېپىشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى بولۇپ قالغان ئىدى.

ئۇ ئۆزى ئۆيىدە سۈرلىگەن گۆشنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ سېتىش ئۈچۈن مۈرىسىگە ئەپكىشىنى ئېسىپ ھەر كۈنى ئون نەچچە كىلومېتىر يول يۈرىدۇ. گۆشلىرىنى ياخشىراق ئورىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ سودىسىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي ياخشى نەرسە چوقۇم ياخشى ئورۇلىشى كېرەك ئىدى.

بىزنىڭ ئەڭ ئالىي سالاملىرىمىز، ھەربىي، ساقچى-ئوفېتسىرلىرىغا بولسۇن!

باش سۈرەت تاللاش x
  • ۋاپادارىم6 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشىكەن كۆ رەخمەت،ھايات ھەركىشىنىڭ ئويىدا ھەرخىل مەناغا ئىگە،رەھمەت

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号