باش بەت

ئەخمەتجان

3411يوللانما
55مەستانە

ماسساچۇستېس تېخنولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى لايىھەلىگەن مارس شەھىرى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-09 20:57 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 9-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مارس شەھەرىنى لايىھەلەش تۈرى گۇرۇپپىسى يىلدا بىر قېتىم مۇسابىقە ئۆتكۈزۈپ، قاتناشقۇچىلاردىن مارسقا بارىدىغان كۆچمەنلەرگە شەھەر لايىھەلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇ يىللىق لايىھەلەش مۇسابىقىسىدە ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ لايىھەلەش ئۆمىكى بىرىنچى بوپتۇ، ئۇلار كەلگۈسى تۈسى كۈچلۈك بۇ قۇرۇلۇشلارنى لايىھەلەشتە، سىمىپسون ئائىلىسى بىر كىنودىن ئىلھاملانغانىكەن. 

2007-يىلى ئىشلەنگەن بۇ كىنودا، سىمىپسوننىڭ يۇرتىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ بۇلغىنىشىدىن پەيدا بولغان گۈمبەزسىمان بىر نەرسە قورشىۋالىدىكەن. ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ لايىھە ئىلھامى دەل ئاشۇ گۈمبەزسىمان نەرسىدىن كەلگەنىكەن، ئۇلار بۇ لايىھە ئەسىرىگە «قىزىل شەمشادلىق» دەپ ئىسىم قويۇپتۇ، ئۇلار مارستىكى شەھەرگە لايىھەلىگەن بۇ زور قۇرۇلۇشنىڭ ئىچىگە لىققىدە قىزىل شەمشاد تىكمەكچىكەن. 

بۇ غايەت زور قۇرۇلۇش مارستا 10 مىڭ ئادەمنى ناچار ھاۋارايىدىن پاناھلاندۇرالايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئاستىدا دەرەخ شاخلىرىغا ئوخشايدىغان تۇرۇبىلار باركەن، بۇ تۇرۇبىلار مارستىكى بارلىق گۈمبەزسىمان قۇرۇلۇشلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىكەن. بۇنى ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ 2009-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى لايىھەلەپتۇ، دوكتور ئاشتى ۋالېنتىنا سامىنى ۋە دوتسېنت كاتلىن مۇللېر لايىھەلەشكە باشچىلىق قىلىپتۇ. 

سامىنى مۇنداق دېدى: «بىز لايىھەلىگەن شەھەردىكى بارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە تاشقى كۆرۈنۈشى بىر ئورمانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مارستىكى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنى زۆرۈر نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن سۇ، مۇز، تۇپراق ۋە قۇياش نۇرى قاتارلىقلار. ھەر بىر قۇرۇلۇشنىڭ بىردىن تارماق قۇرۇلما سىستېمىسى ۋە كېڭىيەلەيدىغان پەردىسىمان قېپى بولىدۇ، شۇنداقلا يەرگە جايلىشىش قۇرۇلمىسىمۇ تونېلغا ئوخشايدۇ». 

قىزىل شەمشاد ئورمان سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى لايىھەلىگەن دوكتور جورجى لاردوس مۇنداق دېدى: «قىزىل شەمشادلىقتىكى ھەر بىر دەرەخسىمان قۇرۇلما قۇياش نۇرى ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىدۇ ھەمدە بۇ ئېنېرگىيەنى سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىغا ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر قۇرۇلۇش بار يەرگە سۇ تەركىبى مول مۇھىت لايىھەلەنگەن. گۈمبەزسىمان قۇرۇلمىنىڭ <يۇمشاق ھۈجەيرىسى>نىڭ ئىچىگە لىق سۇ تولدۇرۇلىدۇ، بۇ سۇلار كىشىلەرنىڭ رادىياتسىيەدىن ساقلايدۇ ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ۋە سۇدا ئۆستۈرۈش دېھقانچىلىقىنى باشقۇرۇشىغا ياردەم قىلىدۇ». 

تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: «قۇياش نۇرى تاختىسىدىن چىققان توك زاپاس ساقلانغان سۇنى پارچىلاشقا، راكېتا يېقىلغۇسى ياساشقا، ئوكسىگېن ئاجرىتىشقا، ھىدروگېنلىق باتارېيەگە توك قاچىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ھىدروگېنلىق باتارېيە ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش مۇساپىسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنە كىشىلەرنى جىددىي ئەھۋالدا زاپاس ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ». 

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇنداق دېگەنىدى: «2030-يىلدىن 2040-يىلغىچە بولغان مەلۇم يىلدا تۇنجى قېتىم كىشىلەرنىڭ مارسقا ئېلىپ چىقىمىز». ئۇنىڭدىن باشقا، ئېلون ماسىكنىڭ SpaceX شىركىتىنىڭ ئالەم ئۇچقۇسىنى مارسقا چىقارغۇدەك يېتەرلىك مالىيەسى باركەن، ئۇلار 2030-يىلدىن بۇرۇن كىشىلەرنى مارسقا چىقارماقچىكەن. تۇنجى تۈركۈمدە مارسقا بارغان كىشىلەر، ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى مەدەنىيىتىنى يارىتىشتەك بۈيۈك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号