باش بەت

ئىرپان

2636يوللانما
150مەستانە

مارستا ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەشتە ئۈمىد بولۇشى مۇمكىن

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-10 14:55 8 ئىنكاس چۈشتى

 

شىنخۇا تورى خەۋىرى: ياۋروپا ئالىملىرى يېقىندا تەڭ ئىيون تېخنىكىسى ئارقىلىق مارستىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى بىۋاستە ئوكسىگېنغا ئالماشتۇرۇشتا ئۈمىد بارلىقىنى، بۇنىڭ كەلگۈسىدىكى مارس ئۈستىدە ئىزدىنىش سەپىرىدە ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلەشتىكى يېڭى بىر بايقاش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پورتۇگالىيەدىكى لىسبون ئۇنىۋېرسىتېتى، پورتو ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە فرانسىيە پارىژ ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر بىرلەشمە تەتقىقات ئەترىتى ئەنگىلىيەدىكى «پىلازما پەن-تېخنىكا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئېيتىشىچە، مارستىكى ئاتموسفېرا بېسىمى ۋە تېمپېراتۇرا دائىرىسى غەيرىي ئىسسىق ئېنېرگىيەسى (ياكى تەڭپۇڭسىز ھالەت)دىن پايدىلىنىپ، تەڭ ئىيوننىڭ ياردىمىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوكسىگېن پەيدا قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىكەن. مارس ئاتموسفېراسىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد مىقدارى %96كە يېتىدىغان بولۇپ، تەڭ ئىيونلۇق پارچىلاش ئارقىلىق ئوكسىگېن ھاسىل قىلىش غايىۋى شەرتى ھازىرلانغان.

تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق تەڭ ئىيون كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى پارچىلايدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ كاربون (Ⅳ )ئوكسىدنى ئوكسىگېن ۋە كاربون چالا ئوكسىدقا پارچىلىيالايدىكەن. مارستىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق تەڭ ئىيوننى پارچىلاش ئۇسۇلى، مۇقىم، ئىشەنچلىك ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، ئۇنىڭدىن ئاجرىلىپ چىققان مونو ئوكسىدنى راكېتانى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى بىرىكمە يېقىلغۇ قېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، بۇ ئىنسانلارنىڭ مارسنى تەكشۈرۈشىنى ئىككى خىل ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن ھەمدە مارسنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ مارسنى تەكشۈرۈشتىكى ئەشيا ئوبوروتىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى ۋە تەننەرخنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

ئەسلى مەنبەسى: http://uy.ts.cn/system/2017/11/09/035033208.shtml

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئ‍دىقۇت1 ئاي ئىلگىرى

    كاربون 4 ئوكسىد ئادەم ئۆلتىردىغان زەھەرلىك گاز

  • ئادىل تارازا2 ئاي ئىلگىرى

    ماۋۇ ئالىملىرىمىز مارىستىكى كاربوت توت ئوكسىدنى ئوكسىگىنگە ئايلاندۇرمىز دىگۇچە يەرشارىدىكى كاربون تۇت ئوكسىدنى ئوكسىگىنگە ئايلاندۇرغان بولسا يەرشارىنىڭ نەقەدەر گۇزەل بوپ كىتىشىدە گەپ يوق ئىدى ، دەسمى سېلىشقا كىرەك بولسا ئاۋال يۇرتىمىز يەرشارىدىن باشلاش ئەڭ ئاقىلانىللقتۇر.

  • مۇرادىل2 ئاي ئىلگىرى

    ئەمدى ھاۋاسىنى سۇۋۇتساق بۇ مارىسقىمۇ كۈچەلىگىدەكمىز بۇرۇن بىر خەۋەردە شۇ يەدىن كەلگەن توپراقتىن خىش ياسىدۇق دىگەن ئىشلا ئاستا ئاستا پۈتەمدۇ نىممە ھى ھى ھى

  • @@karwan886@@2 ئاي ئىلگىرى

    راس شۇنداق دەۋاتاتتى كاربون v1ئوكسىد بىلەن نەپەسلىنىپ ئوكسىگىن ئوسورىدۇ دەپ

  • ئاق يول2 ئاي ئىلگىرى

    ئوكسىگېندانەپەسلەنگىلى بوغانبىلەن مارىسنىڭ تىمپۇراتۇرىسى بەك يۇقىرى تۇرسا يەنىلا ھاياتلىقتىن ئۈمىد يوق دىيەرلىك

  • yulgun2 ئاي ئىلگىرى

    يەر شارىدىكى ئوكسىگىن نەدىن كەلگەن ؟

  • ۋاپادىل☺2 ئاي ئىلگىرى

    ئەمدى مارىسنىڭ قىممىتى ئاشىدىغان بولدى

  • ئۈمىد تۇمشۇقى2 ئاي ئىلگىرى

    ئۆتكەندىكى بىر بالا مارىسلىقلا كاربون تۆت ئوكسىگېن بىلەن. نەپەسلىنىدۇ دىگىنى راسمىدۇ.
    نىمىشقا مارىستا كاربون تۆت ئوكسىگېن كۆپ بۇلىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号