باش بەت

نىجات

308يوللانما
34مەستانە

توي قىلىپ بولغان ئايال يىگىتنىڭ 24 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ كەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-10 16:55 1 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

گاۋئەن شەھەر گېزىتى خەۋىرى. 11-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇخبىرىنىڭ گاۋئەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، گاۋ ئەنلىك بىر ياش يىگىت توردا بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالغان. ئۇ، قىز بىلەن تونۇشۇپ قالغاندىن كېيىن، «نىكاھ ئىشىم ھەل بولىدىغان بولدى» دەپ خۇشال بولغان. ئەمما، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ، قىزنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ، مال-مۈلۈكىدىن ئايرىلىپ قاق-سەنەم بولغىلى تاسلا قالغان.

بۇ زادى قانداق ئىش؟

بۇ يىل ئونىنچى ئايدا گاۋئەن شەھىرىدىكى ئالۇڭ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) QQ ئارقىلىق «شاۋ تىڭ» ئىسىملىك بىر قىز بىلەن تونۇشقان. «شاۋ تىڭ» ئۇنىڭغا، ئۆزىنىڭ گاۋئەن شەھىرىدە ئولتۇرىدىغانلىقىنى، ئوغۇل دوستى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇلار نۇرغۇن قېتىم پاراڭلىشىش ئارقىلىق  تېزلا مۇھەببەتلەشكەن.

ئارلاشقان مەزگىلدە «شاۋ تىڭ»، ئالۇڭدىن نۇرغۇن قېتىم «توي ئۈچۈن زىبۇزىننەت ئېلىش، تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش» قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئالۇڭدىن پۇل سورىغان. بۇ جەرياندا ئالۇڭنىڭ  ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەرگەن پۇلى 24 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. ئالۇڭ بېشىدا بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ كەتمىگەن. ئەمما، «شاۋ تىڭ»نىڭ ئالۇڭدىن سورايدىغان پۇلى بارغانچە كۆپەيگەن. ئالۇڭ ئۇنىڭدىن «ئۆينىڭ نەدىلىكىنى، نېمە ئىش بولغانلىقىنى، ئۆيدە قانداق ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى» سورىغان. ئەمما، «شاۋ تىڭ» بۇ سوئاللىرىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقان ھەمدە بۇ سوئاللارغا مۈجمەل جاۋاب بەرگەن. بۇ ئەھۋاللاردىن ئالۇڭنىڭ گۇمانى قوزغىلىشقا باشلىغان.

ئارقىدىن ئالۇڭ يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا دېلو مەلۇم قىلغان. دېلو مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان گاۋئەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى خۇيبۇ ساقچىخانىسى دەرھال «شاۋتىڭ»نىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى تەكشۈرگەن.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە «شاۋتىڭ» گاۋ ئەنلىك ياڭ فامىلىلىك ئايال بولۇپ، 1995-يىلى تۇغۇلغان. ئۇ ئاللىقاچان توي قىلىپ بولغان ھەتتا بىر قىزمۇ بار ئىكەن. بىرىنچى نويابىر خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە خۇيبۇ بازىرىدىن جىنايەت گۇماندارى ياڭ فامىلىلىك ئايالنى قولغا چۈشۈردى.

ياڭ فامىلىلىكنىڭ تاپشۇرۇشىچە، ئۇنىڭ ئېرى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەتكەن بولۇپ، كەلمىگىلى ئۇزۇن يىللار بولغان ئىكەن. ئۇ ئۆيدە بالىغا قارايدىغان بولۇپ، تۇرمۇشى بىرئاز قىيىنچىلىقتا ئۆتىدىكەن. ئۇ باشقىلاردىن پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن، توردا يېشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ توي قىلمىغان ياشلارنى ئىزدەپ، ئۇلارنىڭ «تېزراق توي قىلۋېلىش» پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى قاقتى سوقتى قىلىدىكەن.

نۆۋەتتە، جىنايەت گۇماندارى ياڭ فامىلىلىكنىڭ قۇچىقىدا كىچىك بالا بولغاچقا، قانۇن بويىچە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە ئالداپ ئېلىۋالغان 24 مىڭ يۈەن پۇلنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشنى بۇيرۇغان. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئامىدىيۇ5 ئاي ئىلگىرى

    نىمىدىگەن ئەخمەقلىق، داۋاملىق توردا تۇنۇشقان مابەتلىرى ئالداپ كېتىدىكەن،،، پۇل سورىسىلا بېرىۋەرگەن بامۇ، ئۆزىگە ئاز

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号