باش بەت

ئەخمەتجان

3424يوللانما
62مەستانە

رۇسىيە ئالىملىرى: بەزى مىكرو ئورگانىزملار مارستا 20 مىليون يىل ياشىيالايدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-10 19:55 1 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

رۇسىيە «سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارادىكى داڭلىق ئىلمىي ژۇرنال «چېكىدىن ئاشقان مىكروئورگانىزملار»دا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى بىيولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى، قۇتۇپ رايونىنىڭ توڭ تۇپراق بەلبېغىدىكى قەدىمىي تاغ جىنسلىرىنىڭ ئارىسىدىكى قىسمەن مىكروئورگانىزملارنىڭ مۇشۇ خىل شارائىتتا 20 مىليون يىل ياشىيالايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. 

ماقالە ئاپتورلىرىدىن بىرسى، موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى تۇپراق جانلىقلىرى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ دوكتورى ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى چىپوزوف مۇنداق دېگەن: «ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، بىز تەقلىدىي تەجرىبە ئىشلىدۇق، يەنە مارس يۈزىدىكى بوش تۇپراقنىڭ توڭلاش شارائىتىغا ئەڭ چوڭ دەرىجىدە تەقلىد قىلدۇق». 

تاشقى ئامىلنىڭ مىكروئورگانىزملارغا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار تەجرىبە جەريانىدا ئۆزگىچە كىلىمات تەجرىبىخانىسىدىن پايدىلانغان ھەمدە γ نۇردا يورۇتۇپ ئەڭ تۆۋەن بېسىم ۋە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىنى ساقلىغان. 

تەتقىقاتچىلار بىر گۇرۇپپا مىكروئورگانىزملارنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەقلىدىي مارس مۇھىتىدە ناھايىتى كۈچلۈك تۇراقلىقىنى بارلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. γ نۇردا يورۇتقاندىن كېيىن، باكتېرىيە ھۈجەيرىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ھەمدە ئۈزۈكسىز ماددا ئالماشتۇرۇۋاتقان ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەممىسى كونترول قىلغىلى بولىدىغان سەۋىيەنى ساقلىغان. 

چىپوزوف مۇنداق دېدى: «تەتقىقات نەتىجىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مارستا ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك مىكروئورگانىزملار ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. بىراق ھازىرقىغىچە، تېمپېراتۇرا تۇيۇقسىزلا نەچچە ئون گىرادۇس چۈشۈپ كەتكەن، ياكى كۈچلۈك رادىيوئاكتىپنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەھۋالدا، مىكروئورگانىزملارنىڭ زادى قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى ئېنىقلانغىنى يوق». 

باش سۈرەت تاللاش x
  • جان5 ئاي ئىلگىرى

    ئنسانلارمۇ شۇنىك قاتارىدا بامۇ،،،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号