باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

گېرمانىيەلىك ئەر سېستىرا 106 بىمارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-10 18:55 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 10-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 9-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك دېلولارنى تەكشۈرگۈچىسى 9-نويابىر بۇ دۆلەتتىكى ئىككى يىل ئىلگىرى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئەر سېستىرانىڭ جان ئالغۇچى دورىلار ئارقىلىق 100دىن ئارتۇق بىمارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، 41 ياشلىق ئەر سېستىرا نىيلس خوگېل 2015-يىلى گېرمانىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بىرېمېن شەھىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى دېلمېنخورست دوختۇرخانىسىدا ئىككى تۈرلۈك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، 4 تۈرلۈك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ياكى زىيانكەشلىك قىلىشى ئەمەلگە ئاشماسلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان.

8-ئايدا ساقچىلار نىيلسنىڭ ئاز دېگەندە يەنە 90 بىمارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. كېيىنكى جەسەت تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىش جەريانىدا يەنە نەچچە 10 زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار توپلاندى.

11-ئاينىڭ 9-كۈنى ساقچىلار ۋە تەپتىش خادىملىرى نىيلسنىڭ 1999-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىزمەت قىلغان ئىككى دوختۇرخانىدا يەنە 16 ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن قوشقاندا ئۇنىڭ ئاز دېگەندە 106 بىمارنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号