باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

تېلېگراف ئالدامچىلىقى قىلغان دوكتۇر ئىلگىرى ئۆزىنىڭمۇ ئالدانغانلىقىنى ئېيتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-11 15:10 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 11-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

9-نويابىر سائەت 21لەر ئەتراپىدا ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن، شياڭگاڭ خوڭكەن رايونىدىكى مەلۇم بىر قورودا ئولتۇرىدىغان 30 ياشلىق ئايال سوممىسى 10 مىليون يۈەنلىك تېلېگرافلىق ئالدامچىلىقىغا چېتىلىپ قالغانلىقتىن قولغا ئېلىندى. ساقچىلار ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى ئاختۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك بانكا كارتىسى ۋە پېرىۋوت چېكىنى قولغا چۈشۈردى.

ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن جاڭ فامىلىلىك پۇل-مۇئامىلە ئانالىزچىسى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئۇچراپ، تەخمىنەن بىر ئاي ئىچىدە 11 مىليون شياڭگاڭ پۇلىنى (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 9 مىليون 360 مىڭ يۈەن) 11 بانكا ھېساباتىغا يۆتكەپ بەرگەن، 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

شەرقىي جيۇلوڭ رايونى مۇھىم دېلولار گۇرۇپپىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى تەن ۋېيشىن قولغا ئېلىنغان ئايالنىڭ يۆتكەلگەن پۇللارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تولۇق چىقىرىۋالغانلىقى ھەم ئىچكىرى ئۆلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر نەچچە جايغا سېلىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئايالنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن يول خېتى بار بولۇپ، ئىچكى موڭغۇلدىن شىياڭگاڭغا كەلگەن، شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىكەن. ئۇ: «مەنمۇ ئىلگىرى تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا يولۇققانىدىم. <شاڭخەي ج خ ئىدارىسى>دە ئىشلەيدىغان بىرەيلەن ماڭا تېلېفون قىلىپ بىر جىنايى ئىشلار دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقىمنى ئېيتقاندىن كېيىن تېلېفوننى <شاڭخەي ج خ ئىدارىسى>گە ئۇلاپ بەردى ھەم مەندىن تەخمىنەن 2 مىليون 400 مىڭ شياڭگاڭ پۇلى (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 2 مىليون يۈەن) كاپالەت پۇلى تەلەپ قىلدى. ئارقىدىن، ئۇ پۇلنى 10 قېتىمغا بۆلۈپ قارشى تەرەپكە سېلىپ بەردىم» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号