باش بەت

جۇشقۇنجان

3607يوللانما
8مەستانە

ئالما تېزلا سامسۇڭدىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يانفون شىركىتىگە ئايلىنىشى مۇمكىن

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-11 17:10 7 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2017- يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە سامسۇڭ شىركىتى يەنىلا دۇنيا بويىچە مەھسۇلاتلىرى ئەڭ بازار تاپقان ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون شىركىتى بولۇپ كەلدى، بىراق بۇ يىل 4-پەسىلگە كەلگەندە، سامسۇڭ شىركىتى بۇ ئورۇننى قولدىن بېرىپ قويۇشى مۇمكىن. بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى TrendForce ئېلان قىلغان باھالاش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، مال چىقىرىش مىقدارى جەھەتتە كېيىنكى پەسىلدە  سامسۇڭ شىركىتى بەلكىم ئالما شىركىتىنىڭ كەينىدە قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. باھالاش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى 4-پەسىلدە پۈتۈن يەرشارى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلىرىنىڭ چىقىرىش مىقدارى 425 مىليون دانىگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئېشىشى، پۈتۈن يىللىق ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون چىقىرىش مىقدارى 1 مىليارد 460 مىليون دانىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

باھالاش دوكلاتىدا يەنە سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 3- پەسلىدە ئەڭ يۇقىرى نوقتىغا يېتىدىغانلىقى، ئەمما 4-پەسىلگە كەلگەندە بولسا تۆۋەنلەش كۆرۈلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ 3- پەسلىدىكى مال چىقىرىش مىقدارىنىڭ 81 مىليون دانىگە يېتىپ، بازار ئىگىلەش نىسبىتىنىڭ %24.5 بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. بىراق 4-پەسىلگە كەلگەندە سامسۇڭنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 77 مىليون دانىگە چۈشۈپ، بازار ئىگىلەش نىسبىتى 3- پەسىلگە قارىغاندا 5% تۆۋەنلەپ، ئومۇمى بازار ئىگىلەش نىسبىتى %18.2 گە تۆۋەنلەيدىكەن.

باھالاش دوكلاتىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 4-پەسىلدە  مال چىقىرىش مىقدارى جەھەتتە ئالما شىركىتىنىڭ سامسۇڭدىن ئېشىپ پۈتۈن يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ يانفون شىركىتىگە ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. 4-پەسىلدە ئالمىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى %19.1گە يېتىدىكەن. بۇ پەسىلدە يەنە iPhoneنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 81 مىليون دانىگە يېتىشىدىن ئۈمۈت بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە iPhone X نىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %33گە يېتىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سامسۇڭ ھەۋاسكارى5 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭنى يىڭەممەيدۇ ئالما مۇمكىن ئەمەس

  • سەھرا ئ‍وغلى قۇربانجان5 ئاي ئىلگىرى

    بىزگە ئەڭ ماس كىلدىغىنى سامسۇڭ شۇنداق قولايلىق يان تېلفۇن ئىشىلتىۋاتقانلارنىڭ 10تېېلفۇننىڭ 7سامسۇڭ

  • تاماخور5 ئاي ئىلگىرى

    مۇمكىن دىمەيسىز ئېشىپ كىتىدۇ دەڭە مانداق

  • يىتەر5 ئاي ئىلگىرى

    شۇنى دەيمەن ھەر ئىككىلىسى دۇنياۋى ماركا لېكىن سەمسۇڭدبن ئېشىپ كېتىدۇ دېسە بۇ خېلى تەس ئالمىنىڭ بازار قىممىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى لېكىن سەمسۇڭ ئىمپىرىيسىنىمۇ بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ

  • alone8865 ئاي ئىلگىرى

    ئالمىنىڭ سامسۇڭدىن ئىشىشىغا خىلى ۋاقىت بار

  • سادىق5 ئاي ئىلگىرى

    خى مۇمكىنمۇ
    ئالما دىگەن سامسۇڭنىڭ ئالدىدا بىر كىچىك ماڭقا شۇم تىخى ئاۋال سامسۇڭدەك ئەگمە ئىكران قىلىپ ئىشلىسۇن تىلفۇنلىرنى ،،،سەت مازاق قىلغان چىراي ئىپادىسى ،،،،،

  • ئالە شەرىڭنى5 ئاي ئىلگىرى

    ھەي سۈرخان ما خەۋەرنى كۆردۈڭمۇ؟؟؟؟ كۆڭلۈڭ يېرىم بوپ كىتىدىغان بولدى ھە ھى ھى ھى ھى ھى ھى،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号