باش بەت

durdana

1340يوللانما
81مەستانە

ئەقىللىق ئانا چۆچەكلەرنى «بۇزۇپ» قىزىغا تەربىيە قىلدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-12 19:27 16 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەممە ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمىسا دېگەننى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارغا ئاۋۋال ئۆزىمىز ئىممۇنىتېت كۈچى تىكلەشكە توغرا كېلىدۇ.

بىر قىزنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ھەرقاچان قىزىمدىن ئەنسىرەيمەن. يېقىندا كىچىك قىز بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش قىلمىشى مېنى پەقەتلا ئارامىمدا قويمىدى، شۇنداقلا مېنى بۇ ھەقتە ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى: قۇرامىغا يەتكەن ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قانداق قىلىپ كىچىك مەلىكىمىزگە ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىتىمىز؟

قىزىم 6 ياشقا كىردى، ئەگەر ئۇنىڭغا تۈزلا قىلىپ: «ئەر ئوقۇتقۇچىلار، ئەر مەكتەپ مۇدىرلىرىدىن ھەزەر ئەيلەڭ، ئۇلار سىزگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن» دېسەم، بەلكىم ئۇ دۇنياغا بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىشى مۇمكىن. ھەتتا يات جىنىسلىقلاردىن قورقۇش پىسخىكىسى يېتىلىپ قېلىشى مۇمكىن. يەنە بەلكىم ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى توي، نىكاھ ئىشلىرىغا تەسىر يېتىپ قېلىشى مۇمكىن.

ئۇنداقتا مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ قانداق قىلسام قىزىمنى ۋاقتىدا ئەسكەرتىپ، باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاپ قالالايمەن؟

بۇ مەسىلە مېنى بەكمۇ قىيناپ كەلدى، تاكى مەن «گۈزەل ھايات»(美丽人生) نى كۆرگەندە مەندە تۇيۇقسىز ئىلھام كېلىپ قالدى. بۇ كىنو بىزگە ناتسىستلار زامانىدىكى ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ بېرەتتى. بىر ئائىلە كىشلىرى جازا لاگىرىغا كىرىپ قالىدۇ، دادىسى بالىسىنىڭ قەلبىدە پىسخىكىلىق كۆلەڭگە قېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن ئوغلىغا جازا لاگىرىدا يۈز بەرگەن ھەممە ئىشنى ئويۇن دەيدۇ، پەقەت ئويۇن قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلمىسىلا بىر تانكىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن شۇنچە قورقۇنچلۇق جازا لاگىرىنىڭ تۇرمۇشىدا بۇ بالا يەنىلا خوشال-خۇرام چوڭ بولىدۇ، قەلبىدە مۇھەببەت ھەم ئۈمىد تۈگەپ قالمايدۇ. مەن مۇشۇ ئەقىللىق دادىنى ئۈلگە قىلىپ باقماقچى بولدۇم، بىر خىل يېقىملىق ئۇسۇلدا قىزىمغا ئۆزىنى قوغداش ئېڭى تىكلىمەكچى بولدۇم.

مېنىڭ ئۇسۇلۇم چۆچەكلەرنى ئۆزگەرتىش ئىدى. مېنىڭ قىزىم باربى قونچاقنى بەك ياقتۇراتتى. ئۇنىڭ «مەلىكە» بولۇشقا مۇھەببىتى چوڭقۇر ئىدى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ 6 ياشقا كىرگەن كۈنى ئۇنىڭغا باربى قونچاق سوۋغا قىلدىم ھەمدە ئۇنىڭغا: «مەلىكە بولۇش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇلار چوقۇم باربى مەكتىپىنىڭ قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. بولمىسا ھەر قانچە چىرايلىق كىيىنسىمۇ ھەقىقىي مەلىكە بولالمايدۇ.»

مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ قىزىم ئالدىراپ سورىدى: «باربى مەكتىپىدە قانداق مەلىكىلەر قائىدىسى بار؟» مەن شۇنداق دېدىم: «ھەر كۈنى سىزگە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرىمەن، ھەر بىر ھېكايىدە بىر تال مەلىكىلەر قائىدىسى بار، قانداق؟» قىزىم ئاڭلاپلا ماقۇل بولدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ھەر كۈنى ئۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ۋاقىت مېنىڭ ئۇنىڭغا «بىخەتەرلىك» دەرسى بېرىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قالدى.

مەن قىزىمغا تۇنجى بولۇپ «يېڭى قار مەلىكە» نى ئېيتىپ بەردىم: «قار مەلىكە قىز-ئوغۇللارنىڭ پەرقىنى بىلىدىكەن. شۇڭا گەرچە 7 پاپا بىلەن ياخشى دوست بولسىمۇ لېكىن ھەر كۈنى كىيىم يۆتكەيدىغان ۋە كىيىم ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىتىدا ئىشىكنى مەھكەم ياپىدىكەن ھەمدە ھەر كۈنى كەچتە ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۇخلايدىكەن. ئەمەلىيەتتە قار مەلىكە خانىش بەرگەن زەھەرلىك ئالمىنى يېمىگەن ئىكەن.

ئۇ پېرىخون دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتە ئالمىنى باشقا ئالمىغا ئالماشتۇرۇۋالغان، ئاندىن يالغاندىن زەھەرلەنگەن بولۇۋالغان.

ئەگەر راستتىنلا زەھەرلەنگەن بولسا قانداقمۇ تىرىلەلەيدۇ؟ قار مەلىكىنىڭ ئالمىنى ئالماشتۇرۇۋېتىشىدىكى سەۋەب ئۇ ناتونۇش ئادەملەرنىڭ نەرسىسىنى يېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى، يەپ سالسا خەتەر چىقىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. يەنە كېلىپ پارپىلار ئۆيدە يوق، ئەگەر پېرىخوننىڭ سۈيقەستىنى بىۋاستە ئېچىۋەتسە، ئۇنىڭغا زىيان يېتىشى مۇمكىن...»

قىزىم ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ھەيرانلىقىدىن: «ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە، مەنمۇ قار مەلىكە شۇنچە دۆتىمدۇ؟ دەپ ئويلىغان، ئەگەر راست شۇنداق بولىدىغان بولسا شاھزادە ئۇنى قانداقمۇ ياخشى كۆرۈپ قالسۇن؟»

كېيىن مەن يەنە ئۇنىڭغا «كۈلقىز»، «نوقۇت مەلىكە» نى ئۆزگەرتىپ ئېيتىپ بەردىم:

«كۈلقىزنىڭ سائەت 12 دىن بۇرۇن ئۆيىگە قايتىپ كېلىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ چىرايلىق كىيىم ۋە ئاياغلىرىنىڭ ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس. يەنە بىر سەۋەب شۇكى، ئۇ بىر قىز بالا كەچتە سىرتتا بەك ئۇزۇن يۈرسە بولمايدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. ئۇ شۇنداق دەپ چىڭ تۇرغاچقا شاھزادە ئاندىن تەسىرلەنگەن، ئۇنى چىرايلىقلا بولۇپ قالماي يەنە ئەخلاقلىق قىز ئىكەن، خانىش بولۇشقا ماس كېلىدىكەن دەپ ئويلىغان...»

نوقۇت خانقىز ھەقىقىي مەلىكە بولغاندىن كېيىن شاھزادە ئۇنىڭغا خوشال بولۇپ بىر زەنجىر سوۋغا قىلىدۇ ھەمدە ئۇنى شۇ كۈنى ئۆز ئۆيىدە تۇرۇپ قېلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

مەلىكە ئۇنى كەسكىن رەت قىلىدۇ، شۇنداقلا شاھزادىگە ھەقىقىي مەلىكە دېگەن تويدىن بۇرۇن شاھزادە بىلەن بىر ھۇجرىدا تۇرسا بولمايدۇ، خالىغانچە باشقىلارنىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلسا بولمايدۇ. سىزنىڭ قىلغىنىڭىز ھەقىقىي شاھزادىگە ئوخشىماي قالدى، شۇڭا مەن سىز بىلەن توي قىلمايمەن.

كېيىن شاھزادە ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلىپ، مەلىكىدىن ئۈچ رەت كەچۈرۈم سوراپتۇ، شۇنداقلا تويدىن بۇرۇن مەلىكىنى ئاۋارە قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، نوقۇت مەلىكىمۇ ئۇنى كەچۈرۈپتۇ.

شۇنداق قىلىپ مەن 10 نەچچە ھېكايىنى ئۆزگەرتىپتىمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچۈمنى تازا قاناتلاندۇردۇم، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ھېكايىنى ھېسسىياتلىق، جانلىق قىلىشقا تىرىشتىم. قىزىممۇ نۇرغۇن مەلىكە قائىدىلىرىنى يەكۈنلىۋالدى، مەسىلەن: مايكىسى بىلەن كالتە ئىشتىنىنىڭ ئىچىنى باشقىلار تۇتۇشقا بولمايدۇ، ناتونۇشلارنىڭ ئىچىملىكىنى ئىچىشكە بولمايدۇ. ئوغۇللار بىلەن ئايرىم بىر ئۆيدە تۇرۇشقا بولمايدۇ، مەيلى دادا دېمەتلىك بولسىمۇ، مۇئەللىمى بىلەن مەكتەپ مۇدىرى بولسىمۇ بولمايدۇ.

بەزىدە قىزىم يەنە شۇنداق سوراپ قالىدۇ: «شاھزادە نېمىشقا مەلىكىنى قوغدىمايدۇ؟ نېمىشقا مەلىكە ئۆزى ئۆزىنى شۇنچە قوغدىشى كېرەك؟»

مەن قىزىمغا ئېيتتىم: «شاھزادە مەلىكە 20 ياشقا كىرگەندە ئاندىن پەيدا بولىدۇ. شاھزادە پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن مەلىكە چوقۇم ئۆزىنى ئۆزى قوغدىشى كېرەك، ئېسىلزادە ھەم نازاكەتلىك ياشىشى كېرەك. ئەگەر مەلىكە ئۆزىنى قوغدىماي زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قالسا ئۇنداقتا ئۇ شاھزادىنىڭ پەيدا بولغىنىنى كۆرمەي تۇرۇپلا ئاسماندىكى يۇلتۇزغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

يەنە كېلىپ مەلىكە ھېچ ئىش قىلمىسا پەقەت شاھزادىنىڭ كېلىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشىنى كۈتۈپ تۇرسا، شاھزادىنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، شاھزادىنىڭ ئايالىمۇ بولالمايدۇ.»

مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ قىزىم سەل چۈشەنگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى.

بىر مەزگىللىك «مەشىق» تىن كېيىن مەن قىزىمدا ئۆزىنىڭ قوغداش ئېڭى يېتىلگەنلىكىدىن خوش بولدۇم. ھازىر ئۇ ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان، ئۆزىنى قانداق قوغداشنى چۈشىنىدىغان بولدى.

بىر قېتىم مەن بىر ئىش بىلەن قىزىمنى دۇكان ئاچىدىغان سىڭلىمغا قاراشقا قويۇپ قويدۇم. سىڭلىم بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كېتىپتىكەن، دۇكاندا قىزىم بىلەن ياش بىر ئەر مال ساتقۇچىلا قاپتۇ. شۇڭا قىزىم ياندىكى ئەر-ئايالنىڭ دۇكىنىغا چىقىپ ئويناپ تۇرۇپتۇ، سىڭلىم قايتىپ كەلگەندە ئاندىن دۇكانغا كىرىپتۇ. ئەھۋالنى بىلمەيدىغان سىڭلىم نېمىشقا دۇكاندا تۇرۇپ تۇرمىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ ھېچنېمە دېمەپتۇ.

ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ھاممىسىغا ئاستاغىنە مەلىكە دېگەن ئۆزىنى قوغدىشى كېرەك، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئەر كىشى بىلەن يالغۇز قالماسلىقى كېرەك. بايا ھېلىقى ئاكاشنىڭ خاپا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ دېمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ..

سىڭلىم بۇ ئىشنى دەپ بەرگەندىن كېيىن مەنمۇ بەك خوش بولدۇم.

بىر ئانىغا نىسبەتەن بالىسىدا ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلگىنىنى كۆرۈشتىنمۇ ئوشۇق خوشاللىق بولمىسا كېرەك، ئۇ تىكەنلىك گۈلدەك خۇشپۇراق ئەمما تىكەنلىك ئۆسسە يەنە نېمە ئارمان بولماقچىدى؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان5 كۈن ئىلگىرى

    رەھمەت بەك ياخشى مەزمۇنكەن.جاپا چەكتىڭلا

  • ئەفىيفە1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن قالتىس ئايال ھەم ئەقىللىق بىر ئانا ئىكەنسىز ئاپىرېن سىزگە

  • nurbiya2 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشى مەزمۇنكەن ساقلۋالغۇدەكلا

  • يوپۇرماق2 ئاي ئىلگىرى

    ناھايىتى ياخشى يېزىپتۇ ،قىز بالا دىگەن ئۆزىنى قوغداشنى بىلىشى كىرەك،ئەمدى بەزى قىزلارغا ئانىسى تەربىيە بەرمەمدىغاندۇ ئىشقىپ بەك قېلىقسىز ،بەزى قىزلار 15,16,17ياشلاردا خاس ئوغۇللار بىلەنلا يۈرىدىكەن نىمىشلارنى قىلىدىغاندۇ بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ ،ئاتا-ئانىلار قىزلىرىڭلارغا ياخشى تەربىيە بىرىڭلار ،بالدۇرلا بەختىدىن ئايرىلىپ قالمىسۇن،ئايرىلىپ بولغاندا پۇشايمان قىلغانغا ئورنىغا كەلمەيدۇ،سۇ كەلمەستە تۇغان سال ،دەيدىغان گەپ بار

  • فويراز2 ئاي ئىلگىرى

    بىزدىنمۇ مۇشۇنداق ئانىلار كوپرەك چىقسا شۇنۇڭ بىلەن بىللە ئوزنىڭ سىڭلىسنىلا ئەمەس باشقىلارنىڭ سىڭلىسنىمۇ قوغدايدىغان ئاكىلار چىقسا نىمدىگەن ياخشى بولاتتى ھە

  • جان قوزام2 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياقتۇردۇم ،داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇنلارنى يوللاپ تۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

  • ئۈچ مەلىكەم2 ئاي ئىلگىرى

    مەن بۇ ئانىغا قول قويدۇم، ئانا بىلەن پەرزەنىت ئوتتۇرىسىدىكى پەردىشەپنى بۇزماي قىزىغا ياخشى تەربىيە قىپتۇ، ھازىر قىز بالا باقماق بەك تەس بولۇپ كەتتى، مىنىڭمۇ ئۈچ قىزىم بار، بۇئۇسۇلنى مەنمۇ قوللانسام بولىدىكەن، رەھمەت سىلەرگە نۇر تورىدىكى تەھرىر، تەرجىمانلار جاپا تارتتىڭلار.

  • ئەركتىگىن2 ئاي ئىلگىرى

    ماۋۇ ئانىنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى ھەقىقەتەن قالتىسكەن.

  • گۈللالە2 ئاي ئىلگىرى

    نىمە دېگەن ئەقىللىق ئانا، مېنىڭ سۈيۈملۈك ئانامدەكلا ئىكەن

  • قۇياش قىزى2 ئاي ئىلگىرى

    مەن ياقتۇردۇم شەخسەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号