باش بەت

ئەخمەتجان

3424يوللانما
62مەستانە

كوكاكولا يېڭى قۇتا چىقاردى كولانى ئىچىپ بولسىڭىزلا قۇتىسى ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-13 20:57 2 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئىلگىرى مۇنداق بىر گەپ مودا بولغان: «سىز تېلېۋىزوردا كوكاكولانى كۆرگەن چاغدا، زۇڭتۇڭنىڭ، لىدىز تايلورنىڭ، ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭمۇ كوكاكولا ئىچسىڭىز بولىدىغانلىقىنى بىلىسىز. سىز ئىچكەن كوكاكولا باشقىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش، شۇڭا كوچىدىكى سەرگەردانمۇ ئوخشاش كولا سېتىۋالالايدۇ. بارلىق كوكاكولا ئوپئوخشاش، بارلىق كوكاكولا ناھايىتى تەملىك.»

يېقىندا كوكاكولا شىركىتى يېڭى قۇتا چىقاردى. بۇ قۇتىنىڭ ھەممە يېرى سۇدىن ياسالغان، شۇنداقلا ئۇنىڭغا كولانى بىۋاسىتە قۇيۇپ ئىچكىلى بولىدۇ، پەقەت 30 سېكۇنتتىلا مۇزدەك كولاغا ئېغىز تېگەلەيسىز، كولانى ئىچكەن ۋاقتىڭىزدا قۇتىنىڭ بارا-بارا ئېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز، كولامۇ يۈرەككە بارىدۇ. كولا قۇتىسىدىكى بىر قىزىل كاۋچۇڭ قولنىڭ مۇزلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ لايىھە مۇھىت ئاسراشقا چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان، شۇنداقلا زور تۈركۈمدىكى ياشلارنىڭ تالىشىپ ئىچىدىغان كولاسى بولۇپ قالغان. 

بىراق، بۇ كولانى پەقەت ئىككى جايدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىرسى مىسىر، يەنە بىرسى كولۇمبىيە دېڭىز قىرغىقى. ئەمما بۇ كولا بىر سائەتتە 260 قۇتا سېتىلغان، سېتىلىش مىقدارىنى ناھايىتى يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى ئادەتتىكى كولانىڭكى بىلەن كۆپ پەرق قىلمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇنداق كولا قۇتىسىنى ئۆيىڭىزدە ياسىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. پەقەت سۇ قاچىلىغىلى بولىدىغان مودېلدىن بىرنى تېپىپ كېلىپ، ئىچىگە لىق سۇ قۇيىسىز، ئاندىن ئۇنى توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلمىسىگە سېلىپ بىر كېچە توڭلىتىسىز، ئەتىسى ئېلىپ ئىچسىڭىز كولا دېگەن شۇ!

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۈمۈد5 ئاي ئىلگىرى

    مۇز بوتۇلكىمىكەن ؟بۇ سۇنى ئىسراپ قىلغانلىققۇ ؟

  • قىزىل چىلان5 ئاي ئىلگىرى

    يۇمۇرمۇ يا بۇ........

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号