باش بەت

نىجات

308يوللانما
34مەستانە

توردا تونۇشقان «قىز دوستى» ئالداپ كەتكەن يىگىت ساقچىغا مەلۇم قىلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 09:16 6 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تور تەرجىمىسى:

جىدەن ناھىيەسىدە مەلۇم بىر ئەر، توردا ئۆزىنى «ئايال كىشى» دەپ ئاتاپ، قارشى تەرەپنى ئالداپ «مۇھەببەتلەشكەن» ۋە قارشى تەرەپتىن توختىماي پۇل تەلەپ قىلغان. يېقىندا جىدەن ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى، بۇ تور ئالدامچىلىق دېلوسىنى بىتچىت قىلدى.

بۇ يىل 10-ئاينىڭ بېشىدا، جىدەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ دېلو مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ توردا باشقىلار بىلەن تونۇشۇپ «دوستلىشىش» جەريانىدا،  باشقىلار ئۇنىڭ 50 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلىنى ئالداپ كەتكەن ئىكەن.

بۇ يىل 9-ئايدا، ۋاڭ فامىلىلىك، ئۈندىداردا، ئۆزىنى بويتاق قىز دەپ ئاتىۋالغان بىر «تورداش» ئۇنى قوشقان. ئۇلار ئۈندىداردا پاراڭلىشىش ئارقىلىق «مۇھەببەت مۇناسىۋىتى» ئورناتقان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ فامىلىلىك دائىم، قارشى تەرەپنى كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلغاندا، ئۇ تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ رەت قىلغان.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەسلىشىچە، ئۈندىدار ئارقىلىق تونۇشقان بۇ «بويتاق قىز»، «دوستلىشىش»، «توي قىلىش» قاتارلىق باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن توختىماي پۇل تەلەپ قىلغان.

ئۇلار بۇ ئىككى ئايدىكى پاراڭلىشىش جەريانىدا، جىنايەت گۇماندارى دائىم:«ئۆيۈمدە جىددىي ئىش چىقىپ قالدى» دەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ فامىلىلىكتىن سەككىز قېتىم نەق پۇل سورىغان. ۋاڭ فامىلىلىكمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئۈندىداردا پۇل يۆتكەپ بەرگەن. ھەمدە ئۇنىڭ چىقىمدان ھېسابىغا 50مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل ئۇرغان.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پەقەت ئۇنىڭ ئۈندىدار نومۇرىنىلا بىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى بىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ قارشى تەرەپكە پۇل يەتكۈزۈپ بېرىش جەريانى، تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغاچقا، دېلونى رازۋېدكا قىلىشقا زور قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان. ساقچىخانىدىكى رازۋېدكا ئەترىتى ۋە تور بىخەتەرلىك ئەترەتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە، ساقچىلار ئاخىرى جىنايەت گۇماندارىنىڭ يەنئەن ۋۇچى شەھىرىدە ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئاخىرىدا توردا ئايال قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئالدىغان جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن.


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئادىل5 ئاي ئىلگىرى

    سابىتجان بامۇ يە قققققققق كلمنەملف

  • 138******415 ئاي ئىلگىرى

    سابىتجان دەڭە قانداق ئىشىنى ئاڭلاپ باقايلى !

  • ئېكىس5 ئاي ئىلگىرى

    سابىتجان@ تورداش، مايۈننىڭ ئىشلىرىنى ئاڭلىغان ئادەم ئەلۋەتتە قىزىقىدۇ-دە، دەڭلا قىنى .....

  • بايشەم5 ئاي ئىلگىرى

    پۇت قولې ساق تۇرۇپ ئالدامچېلېق قېلېشتېن نۇمۇسمۇ قېلمايدېغان ھېزلەك ئوغوللارنېڭ يۇزنې چۇشۇرۇپ

  • سابىتجان5 ئاي ئىلگىرى

    قىزىققۇچىلار بولسا ئاندىن يوللاپ بىرەي، مايۈن قانداق باي بولدى شۇ چاغدا بىلسىلە

  • سابىتجان5 ئاي ئىلگىرى

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، نۇر تورىدىكى بارلىق تورداشلار ھەم نۇر تورىدىكى بارلىق جاپاكەش ئىشچى خىزمەتچىلەر ياخشى تۇرۋاتاسىلە، مىنىڭ تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر ئىشنى يوللىغىم كەپ قالدى، دۆلىتىزدىكى ئەڭ چوڭ باي مايۈننىڭ بىر يىتەرسىزلىكىنى بايقاپ قالدىم قانداق قىلسام بولا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号