باش بەت

نۇسرەتگۈل

7763يوللانما
112مەستانە

ئەنگىلىيەلىك ئايال كۈركە توخۇلارغا كونسېرت ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 14:11 6 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 13-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

catersnews تور بېكىتىنىڭ 13-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 25 ياشلىق ئېلىن ۋىليام (Elin William) ئۆتكەن يىلى ئەنگىلىيەنىڭ ۋەلېس ئۆلكىسىدىكى راگ ئېستەيت (Rhug Estate) دېھقانچىلىق مەيدانىغا كەلگەندىن كېيىن بۇ جايدىكى كۈركە توخۇلارنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىلارغا ئامراقلىقىنى بايقاپ قالدى. دېھقانلىق مەيدانى غوجايىنى ئېلىننىڭ مۇزىكا تالانتىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇنى «قىزىققاق» كۈركە توخۇلارغا بىر مەيدان كونسېرت ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ كونسېرت ئېلىنغان سىندا كۈركە توخۇلارنىڭ ئېلىننىڭ ئەتراپىدا يۈرۈپ يېقىملىق مۇزىكىدىن «كۆڭۈل قويۇپ» ھوزۇرلىنىۋاتقانلىقى، ھاياجىنىنى باسالمىغانلىقتىن پات-پاتلا چىللاپ قويىدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ كىشىلەرنى قاتتىق كۈلدۈرۈۋەتتى.

ئېلىن كۈركە توخۇلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئىنكاس بىلدۈرگەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن كېلەر يىلى چۈجىلەر تۇغۇلغاندىمۇ يەنە بىر مەيدان كونسېرت ئۇيۇشتۇرۇشنى پىلانلىدى. ئۇ: «دېھقانچىلىق مەيدان غوجايىنى لورد (Lord Newborough) مېنى ئېتىزغا بېرىپ ئۇلارغا ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. دەسلەپتە بۇنى ناھايىتى كۈلكىلىك ھېس قىلدىم. بىراق، سىناپ باققاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ناخشامنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. 2016-يىلىمۇ ئۇلارغا كىلاسسىك مۇزىكا چېلىپ بەرسەم بەكلا ياقتۇرۇپ ئاڭلىغانىدى» دېدى.

كۈركە توخۇلار بەكلا قىزىققاق كېلىدۇ، دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ھەممە ئىش ئۇلارنى قىزىقتۇرالايدۇ. بۇ يەردە بېقىلىدىغان كۈركە توخۇلار ھەر يىلىدىكى مىننەتدارلىق بايرىمى ۋە روژدېستۋو بايرىمىغا ئاتاپ تەييارلانغان بولۇپ، لورد ھايۋاناتلارنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن مۇزىكا ئارقىلىق تىنچلاندۇرغانىدى. 

ئېلىن ئامال بار رودژېستۋوغا مۇناسىۋەتلىك مۇزىكا چېلىشتىن ساقلىنىدۇ، يەڭگىل، ئازادە تۇيغۇ بېرىدىغان مۇزىكىلارنى چالىدۇ. كۈركە توخۇلار ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ مۇزىكىغا ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ. شۇڭا دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇلارغا رادىيو قويۇپ بېرىش ئارقىلىق باشقا ۋاراڭ-چۇرۇڭلارنى، مەسىلەن، تىراكتور ياكى باشقا ماشىنىلارنىڭ ئاۋازىنى پەسەيتىدۇ.

روژدېستوۋ بايرىمىدا بۇ كۈركە توخۇلار زاكاز بەرگەن خېرىدارلارغا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاشخانىلارغا سېتىپ بېرىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەن بۇلاي6 كۈن ئىلگىرى

    قىلمايدىغان ئشى يوق بۇخەقنىىڭ

  • مەخمۇت مەمەت1 ھەپتە ئىلگىرى

    زاغىرا تىلدا ماڭقا توخا دەپمۇ قويمىز بۇنى

  • Co ol1 ھەپتە ئىلگىرى

    تۇخۇمدىن مول ھوسۇل ئېلىش دەيمىز بۇنى، ئەمما چىمبۇلاقنى چېلىشنى بىلەمدىغاندۇ بۇ خوتۇن، ، ،

  • ŞAŞ1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ خىل توخۇغا بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرمىز بۇرۇنلا ئىندوك دەپ ئىسىم قويغان . بىلمىگەنلەر ئالبان توخۇسى،كۇركە توخۇ دەپ ئاتاپ كىلىۋاتىدۇ.

  • ئىزھاربەگ1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىشەكنىڭ قۇلىقىغا سەتە چاغاندەك ئاڭلىنىدىغان بوپتۇ دە…توخۇلارغا

  • kaktus1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ كۈركە توخولار مۇزىكىنى نىم بىلسۇن بىكا قاپتۇ بۇ ئايال

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号